ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟

    بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى بولىدۇ. بۇ ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى بالىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2016 – يىلى 15 – يانۋاردىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىز يەسلىدىكى بالىلارغا بىر تۇتاش ئوقۇش تەۋەلىكى تۇرغۇزۇپ بولىدۇ.    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل نويابىردا ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەسلىلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بالىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى يىغىدۇ ھەم مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە مەملىكەتلىك يەسلى مائارىپىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىدۇ. يەسلى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىملىك نومۇرى ئاساسىدا ‹‹بىر بالىغا بىر نومۇر›› بېرىلىپ، توپلانما نەتىجە مەملىكەتلىك يەسلى مائارىپى ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە بۇ خىزمەت پىلانلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹قىزىل بايراق›› يەسلىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يەسلى بالىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشتا كىملىك نومۇرى، يەسلىگە كىرگەن ۋاقتى، تۇغۇلغان جايى، ئائىلە ئەزالىرى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى، نوپۇسقا ئېلىنغان جاي قاتارلىق 40 نەچچە تۈرلۈك ئاساسىي ئۇچۇر تولدۇرۇلىدىكەن. ھازىرغىچە ‹‹قىزىل بايراق›› يەسلىسىدىكى%50تىن كۆپرەك بالىنىڭ ئۇچۇرى توپلىنىپ بولغان. ئەگەر يەسلىدە ئوقۇغان مەزگىلىدە بالىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئاتا – ئانىسى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ بالىسى ئوقۇۋاتقان يەسلىگە بېرىپ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

   يەسلىدە تولدۇرۇلغان ئوقۇش تەۋەلىك ئۇچۇرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يەنى، بالىلار يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە ئوقۇش تەۋەلىكى ئاپتوماتىك ھالدا يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىدۇ، ئەگەر بالا يەسلىدە ئوقۇغان مەزگىلدە يەسلى ئالماشقان بولسا، ئاتا – ئانىسى ئەسلىدە ئوقۇغان يەسلىسىدىن ئوقۇش تەۋەلىكىنى يۆتكەش ئىسپاتى ۋە رەسمىيىتىنى بېجىرسە، ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى بالا بىلەن بىللە يۆتكىلىدۇ.

   ئۇنداقتا ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى توپلاش خىزمىتى باشلانغان پەيتتە مۇقىم ئوقۇش تەۋەلىكى بولمىغان بالىلار مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئاتا – ئانىلار بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن. يەنى، ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مۇنتىزىم يەسلى تەربىيەسى ئالمىغان بالىلارمۇ داۋاملىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەردە: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار جىنس، مىللەت، ئىرق، ئائىلىسىنىڭ مال – مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئايرىلماي، قانۇن بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار يەسلىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek