سۈتلۈك چاينىڭ يۈرەك قان تومۇرنى ئاسراش رولى يوق

    گېرمانىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بولغان، يۈرەك قان تومۇرنى ئاسرايدىغان قىزىل چايغا كالا سۈتى قوشۇپ ئىچىلسە، ئۇنىڭ ئەسلى ئۈنۈمى يوقايدىكەن.

    گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى مۇتەخەسىسلىرى 16نەپەر ساغلام كىشىگە ئايرىم-ئايرىم قىزىل چاي ۋە سۈتلۈك چاي ئىچكۈزگەن ھەم ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىلەك ئارتېرىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدىن بايقىلىشىچە، سۈت قوشۇلغان قىزىل چاي ئىچكەندە قىزىل چاينىڭ مۆلچەردىكى قان تومۇرنى كېڭەيتىش ئۈنۈمى بولمايدىكەن.

     مۇتەخەسسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قىزىل چايغا سۈت قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار سۈت تەركىبىدىكى قېتىق ئاقسىلى بىلەن نېيتراللىشىپ، يۈرەك قان تومۇرنى ئاسراش رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    جىددىي كېسەللىك كۆرۈلگەندە، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىشتىن باشقا، يەنە جان قۇتقۇزىدىغان دورا ئىچىش لازىم. لېكىن بىر قىسىم جان قۇتقۇزىدىغان دورىنى يورۇقلۇققا قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، كۈن چۈشكەندىن كېيىن ئو...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6-چېسلا خەۋىرى: دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىسى بار. بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلى...
27-04-2016
    ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ مۇزىكا بىلەن ئۇچرىشىشى مۇزىكا تۇيغۇسىنى يېتىشتۈر...
26-04-2016
يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىت...
26-04-2016
    سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ پۇنجاپ ئۆلكىسىدە بىر ئەر نەۋرىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرىغا قەندالەت تارقىتىپ بەرگەن، ئەمما ...
26-04-2016
   فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 25-ئاپرېل، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، زىكا ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ سانى «كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ»، زىكا ۋىرۇسى دۇنيادىكى ...
26-04-2016
ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى سالامەتلىككە زىيانلىق. كىشىلەر ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى بىر قىسىم ئادەتلىرىگە سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ناتوغرا ئادەتلەر ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. تاماقتىن كېيىنلا مېۋە يېمەسلىك ...
26-04-2016
يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىمۇ تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق، ئامېرىكىنىڭ 17 دۆل...
25-04-2016
گېرمانىيەلىك ئادەم بەدىنىگە رەسىم سىزغۇچى سەنئەتكار لىئونى ۋە جورىگ فوتوگراف لايىلا، ئۇۋى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2008-يىلدىن ھازىرغىچە ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل بىرىككىشىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن نادىر ئەسەرلەرنى كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇ ...
25-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرى يېڭى سانلىق مەلۇمات قوغداش قانۇن لايىھەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، 2018-يىلى كۈچكە ئىگە بولۇش بېكىتىلدى. &nb...
Powered by Leglek