جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 9-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن 1-سوتتا جاۋ جىخوڭنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 9-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا جاۋابكار جاۋ جىخوڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، بۇلاش، ئوغرىلىق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقاردى. سوت مەھكىمىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق، بۇلاش، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋ جىخوڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەم 53 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى شۇنداقلا جاۋ جىخوڭنى ھەق تەلەپ ئەرزى قىلغان دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن 102 مىڭ 768 يۈەن قوشۇمچە تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
ھۆكۈمنامىدىن جاۋ جىخوڭنىڭ خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي جىنايەتچى ئىكەنلىكى ئايان بولدى. جاۋ جىخوڭ، ئەر، خەنزۇ، 1972-يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ لياڭچېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىشسىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved