ئىراق زۇڭلىسى مالىك 23-ئىيۇن زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى. مالىك، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى كرىزىسىنىڭ ئىراققىلا ئەمەس، شۇنداقلا مەزكۇر رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېررى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە قىلىنىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: كېررى ئىراق رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە قىلىنىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىش ئۈستىدە كېڭەشتى ھەمدە ئىراق رەھبەرلىرىنى تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، كەڭ ئىراق خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved