يەر شارى خەۋەر تورى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەربى قىرغاق ۋە قۇددۇس «ئىروسالىم» دا 9 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەل-خەلىل مەھەللىسىدە ئىككى ئەسكەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان دىگەن جىنايەت بىلەن 3 كىشى قولغا ئېلىندى ۋە قۇددۇستا 2 نەپەر خاماس تەشكىلاتى ئەزاسى بولۇپ جەمئىي 4 كىشى تەكشۈرۈلۈش باھانىسى بىلەن قولغا ئېلىندى.
نەخ مەيداندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتشىىچە، بەيتۇللەھم مەھەللىسىدە ئىككى كشىنىڭ ئۆيى تەكشۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغان. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربى قىرغاق بىلەن شەرقى قۇددۇستا بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن پات-پات تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved