ئىتالىيەنىڭ «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا FIFA TV نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، برازىلىيەلىك چولپان كاكا كەلگۈسىدە مىلانغا قايتىپ ترېنېر بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسەتتى، ئۇ يەنە مېسسى ۋە رونالدو ئىككى گىگانىت چولپان توغرىسىدا توختالدى، كاكا مېسسى تالانىت ئىگىسى، رونالدو ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى بەلگە خاراكتىرلىك شەخىس دەپ قارايدىكەن.
كاكا 2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە مىلاندا توپ تەپكەن، بۇ مەزگىلدە قارا قىزىل قوشۇننىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان، كاكا ئۆزىمۇ فىفا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە كاكا ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى ئورلاندو شەھىرى كوماندىسىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ مىلانغا قايتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، «مەن ئۆزۈمنىڭ مىلانغا قايتىدىغان-قايىتمايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، نۆۋەتتە مەن ئامېرىكىدا ئىنتايىن خوشال. ئەلۋەتتە، مەن مىلاننى ياخشى كۆرىمەن، مەن مىلاننىڭ دەرۋازىسىنىڭ ماڭا مەڭگۈ ئوچۇق بولىشىنى ئويلايمەن، نۆۋەتتە مەن ئامېرىكىدا ئىنتايىن خوشال.» دېگەن.
مىلانغا قايتىپ ترېنېر بولۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، كاكا :«مەن تېخى ترېنېر بولۇشنى ئويلاشمىدىم، نۆۋەتتە ناۋادا سىز مەندىن سوراپ قالسىڭىز، مەن ئۇ ئۆزۈم ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئىش دىيەلمەيمەن، بەلكىم ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەن چېكىنگەن ۋاقىتتا بۇ بەلكىم تاللىشىمغا ئايلىنىشى مۇمكىن.» دەپ كۆرسەتتى.
كاكانىڭ پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىرلەشمىسى سەپىرى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۇ توپچى سالاھىيىتىدە مىلانغا قايتىشىمۇ مۇمكىنكەن ھەم چېكىنگەندىن كېيىن مىلانغا قايتىپ ترېنېر بولىشىمۇ مۇمكىنكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2007-يىللىق فىفا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مېسسى ۋە رونالدو ئىككى گىگانىت چولپاننى سېلىشتۇرۇپ، «ئۇلار ئوخشىمايدۇ، مېسسى تالانىت ئىگىسى، ئەكىسچە رونالدو ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى بەلگە خاراكتىرلىك شەخىس، ئۇ ھەممىگە ئىگە، سۈرئىتى بار، قوش پۇت ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك، ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، رونالدو ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى بەلگە خاراكتىرلىك شەخىس.» دېگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved