ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبىي 7-سىنتەبىر رايون بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردىن ئىبارەت ئىككى خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ۋە باشقا تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەرەبىي قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراققا ئېغىر تەھدىت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، شۇنداقلا باشقا ئەرەب ئەللىرىگىمۇ تەھدىت يەتكۈزمەكتە. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەر، سىياسىي، ھەربىي ئشلار ۋاستىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، بۇ تېررورچى تەشكىلاتنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى توسۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved