جاھان ئاگېنتلىقى 22-فېۋرال خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيە پايتەختى ترابلۇستا ئىران باش ئەلچىسى تۇرىۋاتقان ئورۇن بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار يوق، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى»تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى. لىۋىيە ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پايتەخت ترابلۇستىكى ئەلچىخانا ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ترابلۇستىكى ئىران ئەلچىخانىسىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ترابلۇستىكى ئىران ئەلچىخانىسى شەھەرنىڭ مەركەز قىسىمىغا جايلاشقان.
ھارىگادىكى نىفىت ئىكىسپورتى توختىدى
لىۋىيەنىڭ مۇھىم نىفىت پورتلىرىدىن بىرى بولغان ھارىگانىڭ نىفىت ئىكىسپورت خىزمىتى ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن پارتىلاش سەۋەبلىك 10 كۈنلۈك توختىتىلدى. بىر لىۋىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم نىفىت بازىسىنىڭ بىرى بولغان ھارىگادىكى نىفىت ئىكىسپورتى ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن پارتىلاشتا ئۇچرىغان زىيانلار سەۋەبلىك ۋە شۇنداقلا سارىر نىفىت بازىسى بىلەن بولغان يەتكۈزۈش تۇربىسىنى رېمونت قىلىش مەقسىتىدە 10 كۈن توختىتىلىدىكەن.
لىۋىيەدە مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە بولمىدى
ئىنقىلابتىن كېيىن مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان لىۋىيەدە، 2014-يىلى ماي ئېيىدا پىنسىيىگە چىققان گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ قۇراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرگە باشلىغان ئىنقلاب ھەرىكىتى، ترابلۇس ۋە مىسراتادىكى ئىنقلابچى گۇرۇپپلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ترابلۇس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىدى. بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرىنىڭ «ۋەكىللەر مەجلىسى» نامىدا توبرۇك رايۇنىدا خىزمەتلەرنى باشلىشى بىلەن ئىككى مەجلىس پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لىۋىيەدە تۇقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە لىۋىيەدە 21 مىسىرلىق خىرىستىئاننى ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن مىسىر لىۋىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان ئىدى. ئەمما يۇقارقى ھۇجۇمدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارمۇ ئۆلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved