31-يانۋار كورلا شەھىرى نەشپۈت يولى تۆت كوچا ئېغىزى بويىغا ‹‹ئالىم خالىق مېھىر-شەپقەت كاۋاپخانىسى›› ئېچىلدى. ‹‹2011-يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس››، ‹‹2012-يىللىق لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگولۇق مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى›› ئالىم خالىق ئۆز قولى بىلەن كاۋاپ پىشۇرۇپ، كاۋاپخانىسىغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
-بۇ يەر مېنىڭ ئانا يۇرتۇم، مەن مېھىر-مۇھەببىتىمنى مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ ئانا زېمىنغىمۇ چاچىمەن، -دېدى ئۇ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىدا ھاياجانلانغان ھالدا .
مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن كۆرۈشىچە، كاۋاپخانا مىللىي پوسۇندا بېزەلگەن، يىراقتىنلا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تىجارەت باشلىنىشى بىلەن كاۋاپخانا خېرىدارلار بىلەن لىق تولغان. ئالىم خالىق مۇخبىرغا تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنلۈك كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈندىلىك كىرىمىنىڭ %1 ىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved