جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىندىن بۇيان ھەربىي پارات تېمىسىدىكى پاراڭلار قىزىۋاتماقتا. ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ زور خاتىرە كۈنلىرىدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلار ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا، ئافرىقا قىتئەلىرىگە تارالغان، پەقەت خاتىرىلەش مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ خالاس. بەزىلىرى دۆلەت بايرىمى، بەزىلىرى مۇستەقىللىق كۈنى، يەنە بەزىلىرى «غەلىبە كۈنى»نى تەبرىكلىدى. تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىلا تۈركىيە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. 2-سېنتەبىر، ۋيېتنام دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزىدۇ.
دۆلەت ئەھۋالى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق سەۋەبىدىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پاراتلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ھىندىستان
26-يانۋار، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، 66-قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈنى تەبرىكلەندى.
1947-يىلى 15-ئاۋغۇست، ھىندىستان ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان. 1950-يىلى 26-يانۋار، ھىندىستان ئاساسىي قانۇن ئىمزالاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. 26-يانۋار جۇمھۇرىيەت كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
پاكىستان
23-مارت، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پاكىستاننىڭ يېقىنقى يەتتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان.
رۇسىيە
9-ماي، رۇسىيەنىڭ موسكىۋا قىزىل مەيدانىدا تەنتەنىلىك زور مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى. جەمئىي 15 مىڭ ئەسكەر، 200 ھەربىي قورال-جابدۇق، 140 تىن ئارتۇق ئايروپىلان ھەربىي پاراتقا قاتناشتۇرۇلدى.
سىرىلانكا
19-ماي، سىرىلانكىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ماتارادا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى خاتىرىلەندى.
2009-يىلى ماي، سىرىلانكا ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتكە قارشى تامىل ئىلام يولۋىسى ئازادلىق تەشكىلاتىنى مەغلۇپ قىلىپ، 30 يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان.
فرانسىيە
14-ئىيۇل، فرانسىيەنىڭ پارىژدا دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى.
كولومبىيە
20-ئىيۇل، كولومبىيە پايتەختى بوكوتادا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت مۇستەقىللىقىنىڭ 205 يىللىقى خاتىرىلەندى.
بېلگىيە
21-ئىيۇل، بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى.
بېلگىيە 1830-يىلى گوللاندىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىنكى يىلى 21-ئىيۇل تۇنجى پادىشاھ تەختكە چىققان. بۇ كۈن بېلگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان.
كرودىيە
كرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېبتا داغدۇغىلىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، «بوران-چاپقۇن ھەرىكىتى»نىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەندى.
كرودىيە 1991-يىلى مۇستەقىللىقنى جاكارلىغاندىن كېيىن، چېگرا ئىچىدىكى خورۋات ۋە سېربتىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ، قوراللىق توقۇنۇش ئۈزۈلمىگەن. 1995-يىلى كرودىيە ئارمىيەسى «بوران-چاپقۇن ھەرىكىتى» قوزغاپ، چېگرا ئىچىدىكى سېربلار قوراللىق كۈچىنى بىتچىت قىلغان ۋە چېگرا ئىچىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلاپ قۇرۇۋالغان «سېرب كراجىنا جۇمھۇرىيىتى»نى تارمار قىلغان.
كوتى دى ئىۋۇئېر
7-ئاۋغۇست، كوتى دى ئىۋۇئېر مۇستەقىللىق كۈنى ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇستەقىللىقىنىڭ 55 يىللىقى خاتىرىلەندى.
تۈركىيە
30-ئاۋغۇست تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە داغدۇغىلىق «غەلىبە كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 93 يىللىقى تەبرىكلەندى.
1922-يىلى 30-ئاۋغۇست، تۈركىيە چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، تۇنجى قېتىم چىراغ ياندۇرغان شاڭخەي دىسنېي باغچىسى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلدى.
|
![]() |
2016-يىللىق ئامېرىكا ئاۋدوباڭ ئۇچار قۇش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى، ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى ناملىق ئەسەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved