بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 3~5 ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە سالامەتلىككە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىپ بېرىش پاركىنسون سىندرومىسى قاتارلىق نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، يۈرەك كېسىلى ۋە 2-تىپلىق دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە ئىكەن. بۇندىن باشقا، قەھۋە يەنە ئادەملەردىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيىم-خەتىرىنىمۇ تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. بىراق، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ قەھۋە ئىچىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانمىغان
قەھۋە تەركىبىدە كوففېئىن (咖啡因) ماددىسىنىڭ بار-يوقلۇقى تەتقىقات نەتىجىسىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قەھۋەنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇشى ئۇنىڭ ئادەمنى روھلاندۇرالايدىغانلىقى بىلەن ئالاقىسىز بولۇپ، بەلكىم ئۇنىڭدىكى باشقا ئۆسۈملۈك تەركىبى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مىڭ دىڭ (Ming Ding) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «قەھۋە تەركىبىدىكى بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار ئىنسۇلىنغا تاقابىلچانلىق ۋە سىستېما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بۇ بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بىراق، بۇ خىل تەسىرنىڭ بىئولوگىيەلىك مېخانىزىمىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، يەنىمۇ كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.»
«ئايلىنىش» (Circulation) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئۈچ خىل سىجىل ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك تەتقىقات جەريانى تونۇشتۇرۇلغان، بۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى 30 يىلغا يىقىن ۋاقىت بولغان بولۇپ، جەمئىي 208501 نەپەر ئەر ۋە ئايال قاتناشقان تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. بۇ جەرياندا تەتقىقاتچىلار ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش قاتناشقۇچىلارنىڭ يېمەكلىك ئەھۋالى ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان.
قەھۋە ئىچمەيدىغان ياكى ئاز ئىچىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەھۋەنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەن بولىدىكەن. ئانالىز جەريانىدا، تەتقىقات نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان باشقا ئامىللار. مەسىلەن، تاماكا چېكىش، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى، جىسمانىي ھەرىكەت سەۋىيەسى، ھاراق ئىچىش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلارمۇ ئويلىشىلغان.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتىدىكى فىرانك ئىسىملىك يەنە بىر پىروفېسسور بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، قەھۋەنىڭ نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن.»
ئەنگىلىيە يۈرەك فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىستېراسى Emily Reeve بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر سىز يۈرىكىڭىزنى ساغلام تۇرسۇن دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ساغلام بولۇشى كېرەك، بۇ ھەممىدىن مۇھىم ئامىل، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كۈندە قانچىلىك قەھۋە ئىچىشىڭىزگە باغلىق ئەمەس.»
بۇندىن ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى بەش ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدىكەن، بۇ نۇقتىمۇ يۇقارقى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. بىراق، قەھۋەنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە قەھۋە تەركىبىدىكى قايسى خىل ئېلېمېنتنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved