شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى خېي يۆدوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساي يولىدا چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشىنى چەكلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قىسمەن شوپۇرلار تەكشۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا داۋاملىق ساي يولىدا قاتنىغان. ئەمەلىيەتتە ساي يولىدا كېچە - كۈندۈز تەكشۈرىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، «بەلگىلىمە» گە خىلاپلىق قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن. قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساقچىنىڭ سۈرەتكە تارتىۋېلىشىدىن قېچىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا «ھۈنەر» ئىشلەنگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يولدا چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نومۇر تاختىسىغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار: نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويۇش، نومۇر تاختىسىنى مەينەت قىلىۋېتىش، نومۇر تاختىسى ئاسماسلىقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرى بۇ خىل قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان بىر قېتىمدىلا شوپۇرنىڭ 12 نومۇرىنى تارتىدۇ. يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ 12 نومۇرى تارتىلسا، پىراۋىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved