يانفون كەشىپ قىلىنغاندىن باشلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا زور ئۆرگىرىشلەر بولدى. ھازىرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفون دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بىزلەر، ۋاقىت ۋە ئورۇن شارائىتىنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق دوستلىرىمىز بىلەن خالىغانچە ئالاقە ئېلىپ بارالايمىز، تورغا چىقىپ لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيسىز. دەل iOS ۋە Android قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفونلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشى بىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر يانفونغا بېقىنىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ھەتتا شۇ سەۋەپتىن يېڭىدىن – يانفونخۇمارلىق كېسىلى دەيدىغان كېسەللىك پەيدا بولۇشقا باشلىدى…
ئۇچرىشىشقا چىققاندا يانفوننى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشالماي تىت-تىت بولامسىز؟ ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا چوقۇم يانفوننى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغان دوستلار بارغۇ دەيمەن؟
يانفونخۇمارلىق كېسىلى(Nomophobia)، يەنى No Mobile Phone Phobia نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئاساسلىق كۆزدە تۇتىدىغىنى، كىشىلەر يان تېلېفون ئالاقىسىدىن مەھرۇم قالغاندا كۆرۈلىدىغان بىر خىل تەشۋىشلىنىش ۋە بىئارام بولۇش كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك 2008-يىلى ئەنگىلىيەدە رەسمى تۇرغۇزۇلغان، Yougov شىركىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان 3/2 قىسىم ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالغان. ئامېرىكا T-Mobile شىركىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يانفوندىن ئايرىلغاندىكى بىئاراملىق كەيپىياتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، قارىماققا ھەر خىل يېڭى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر قاتلىمى ئارىسىدا، قانداق قىلغاندا يانفوننى مۇۋاپىق ئىشلىتىش بىز چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىنىڭ بىرىدەك قىلىدۇ.
ناۋادا شۇنداق بىر تاللاش بار دەپ قارالسا، ئامېرىكىقلار نېمە ئارقىلىق ئۇنتۇپ قالغان يانفوننى ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ؟
63% ئامېرىكىلىق ئەخلەت دۆۋىسى ئارىسىدىن يۈتتۈرۈپ قويغان كۆچمە ئۈسكۈنىسىنى ئىزدەشنى خالايدىكەن؛
55% قىز ئىشىكتىن چىققاندا گىرىم قىلماي چىقىشقا رازىكەن؛
29% ئامېرىكىلىق نەق پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا رازىكەن؛
25% ئامېرىكىلىق يانفونىنى ئوغرىلىۋالغان ئوغرى بىلەن قاتتىق بىر مەيدان مۇشتلىشىشقا تەيياركەن؛
28% كىشى كرېدىت كارتىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا رازىكەن؛
11% يانفونغا ئېغىر دەرىجىدە ئاشىق بولغۇچى ھەتتا ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ مەيلىكەن….
ئۇنىڭدىن باشقا، 5/3 قىسىم ئامېرىكىقلار، يانفونى يېنىدا بىر سائەتتىن ئۇزاق بولماي قالسا، چىداپ تۇرالماي يانفوننى ئىزدەشكە باشلايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved