يېقىندا شەھەر تېمپىراتۇرىسى ئىزچىل تۆۋەنلىدى، بىر قىسىم تېمپىراتۇرا دېتاللىرىمۇ بۇ ھەپتىدىكى تېمپىراتۇرىنى ℃20- گە تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى، ئەمما بۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمەڭ. بۇ ھەپتىدە، ئالدى بىلەن ئازراق قار يېغىپ، ئارقىدىن شامال چىقىدۇ. شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىياۋ پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۈگۈن كۈندۈزدە ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا ℃17- ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جەنۇبىي شەھەر، شەرقىي شەھەر رايونىدا بوران چىقىپ، شىۋىرغانلىق قار يېغىش ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ. شەرقىي جەنۇب شامىلى شەھەر رايونىغا كىرىپ، تېمپىراتۇرا ئازراق ئۆرلىشى مۇمكىن. ئەتە 24 مەۋسۇمدىكى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى، بۇ قاتتىق سوغۇقنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىشتىكى ئەڭ سوغۇق بولىدىغان مەزگىل كېيىنكى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، دەل ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى چىللە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، 1980-يىلىدىن بۇيان، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق سوغۇق ھاۋارايى 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، تېمپىراتۇرا ℃28.5- بولغان. ئەمما پۈتكۈل قىشتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، ℃30- بولغان.
ئەمما ئۈرۈمچىدە ℃20- لۇق ھاۋارايى ئەمدىلا كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىنىڭ قوشنىسى سانجى ئاللىبۇرۇن ℃25-لۇق سوغۇق ھاۋارايى بىلەن ئۇچراشتى.
تۈنۈگۈن سەھەردە، سانجى شەھەر رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃25- قا تۆۋەنلىدى، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃15- بولۇپ، گەرچە ئىككى شەھەرنىڭ مۇساپىسى 40 كىلومېتىرغا يەتمىسىمۇ، ئەمما تېمپىراتۇرا پەرقى ℃10 قا يەتتى.
شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىياۋ پىڭ بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: سانجى بىلەن ئۈرۈمچى چوڭ دائىرە جەھەتتىن ئېيتقاندا شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ ئەتراپىغا جايلاشقان. قىش كەلسە، جەنۇبتىن شىمالغا قارىتا يۆتكىلىۋاتقان سوغۇق ھاۋا غەربتىن شەرققە سوزۇلغان تەڭرىتېغى تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ، سوغۇق ھاۋا يەرگە يېقىن نۇقتىدا تۇرۇپ قېلىپ، تەتۈر تېمپىراتۇرا قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تېمپىراتۇرا نىسبىي ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما تەتۈر ھاۋا قاتلىمىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، دېڭىز يۈزىدىن قانچە ئېگىز بولغان جاينىڭ تېمپىراتۇرىسى ئەكسىچە شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر رايونى دېڭىز يۈزىدىن نىسبەتەن ئېگىز، ئەمما سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلار دېڭىز يۈزىدىن نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تۈزلەڭلىك يەرشەكلىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، سانجى ئەتراپى چۆل-بايان بولغاچقا سوغۇق ھاۋا توسالغۇسىزلا بېسىپ كىرىدۇ، ئەمما ئۈرۈمچىنىڭ ئۈچ ئەتراپى تاغ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بىر قىسىم سوغۇق ھاۋانى توسۇپ قالالايدۇ، شۇڭا قىش پەسلىدە ئانچە سوغۇق بولمايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved