مۇخبىرنىڭ شاڭخەي قاتناش ئاپتوموبىلى ئەترىتىدىن ئىگەللىشىچە، 8-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 7 دىن ئاشقاندا بىر ئەر شاڭخەي شەھىرىدىكى 180-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا خاتا چىقىپ قالغان، ئەر ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ ماشىنىنى توختىتىپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەر ئەينەك ئىشىكنى تىپىپ چېقىۋېتىپ، ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار بۇ يىگىتنى بىر تەرەپ قىلغان، ھەمدە 1000 يۈەن رېمونت ھەققى تاپشۇرغان.
بۇنداق ۋەقەلەر دائىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ شۇ كۈنى شاڭخەي شەھىرى باشقا ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە بىر ياش يىگىت 813-يول ئاپتوبۇسىغا ئۈلگۈرەلمەي قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس قىزىل چىراغ ساقلىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاپتوبۇسقا يېتىشىۋالغان ھەمدە ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر توغرا يول سىزىقىدا تۇرۇۋېلىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت ماڭغىلى قويمىغان، ئاندىن مەلۇم شاڭخەيلىك بىر ھەدە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ يولنى بوشاتقۇزغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved