گۇۋاچى كۆۋرۈكتىن يىقلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن .

شىنجىڭ گىزتىدىن؛

 

شىنجىڭ گىزتىنىڭ مۇخپىرى كۆپلىگەن ئۇچۇر مەنبەسىدىن ئىگىلىنشىچە ،شەنشى ئۆلكىسى تىز سۈرەتلىك يولدا نۆۋەت ئۆتەۋاتقان بىر قاتناش ساقچىسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆۋرۈكتىن يىقلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغان .ئۆلۈپ كەتكەن بۇ ساقچى خوۋ يۈ شەنشى جىنچېڭ يول بۆلكىدە يۈز بەرگەن «3.1»ئالاھىدە چوڭ قاتناش ۋەقەسىنىڭ گۇۋاھچىسىكەن ،ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيدىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە خوۋيۈ تۈگەپ كىتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى تپتىش مەھكىمسى تەرپىدىن سۆزلىشىشكە چاقىرتىلغان ،ئىككىنجى كۈنى بۇ .ئىش يۈز بەرگەن .


ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيدىكىلەر تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن شىنجىڭ گىزتخانسىنىڭ مۇخپىرىغا 1977-يىلى تۇغۇلغان خوۋ يۇ شەنشى ئۆلكىسى يۇقرى سۈرەتلىك قاتناش ساقچىخانسى ئۈچىنجى تارماق ئەترەت سەككىزىنجى چوڭ ئەترتىنىڭ ئاددىي بىر نۆۋەتچى خادىمى ،3-ئاينىڭ 1-كۈنى شەنشى جىنچېڭ بىرنجى تونىلدا قاتناش ۋەقەسى يۈزبەرگەندە .ئۇنىڭ بىرنجى بولۇپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورونغا يىتىپ بىرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى .
خەۋەرلىرگە ئاساسلانغاندا 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:50 ئۆتكەندە جىنچېڭ شەھرى چىگرا رايۇننىڭ جىنجى يۇقىرى سۈرەتلىك بۆلكىدىكى تونىلدا ئىككى مېتىل ئالكوگول ماشىنىلىرنىڭ سوڭدىشىپ ھەيدەشكەنلىكى شوپورنىڭ بەلگىلمىگە خىلاپ مېتىل ئالكوگولنىڭ كۆيشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن تونىل ئىچىدىكى 42 ماشىنىنىڭ ،1500 توننىدىن ئارتۇق كۆمۈرنىڭ كۆيشىنى ھەمدە سۈيۈقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ماشىنىسنىڭ پارتىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .بۇ ۋەقە 31 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كىتشىگە سەۋەپچى بولغان .


3-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۇەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گورپىسنىڭ دەسلەپكى تەھلىل قىلشىغا ئاساسلانغاندا بۇ قاتناش ۋەقەسى ۋەقە تۇغدۇرغۇچى قاتناش تىرانسىپورت كارخانا بىخەتەر ئىشلەپچىقرىش ئاساسى بۆلەك مەسۇلىيتى ئەمىيلەشتۈرۈلمىگەن،ئىچكى باشقۇرۇش قالايمىقان .ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقنىڭ نازارەت قىلىش باشقۇرۇشى يىتەرلىك بولمىغان .تونىل ۋەقەسىنى جىددى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىدە ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت قاتارلىقلار .

 

ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى 20-چىسلا خوۋيۈنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىسىمنىڭ بەك ئىغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا چوڭ چاتاق چىقتى دىگەنلىكىنى ،پۈتۈن كىچە ئۇخلىيالماي ئۇياندىن –بۇيانغا مىڭىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيىتقان .خوۋيۈ 20-چىسلا جىنچېڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئۇنىڭغا گەپ ئەۋەتىپ ئۇنى تەپتىش مەھكىمسىگە بىرىپ كىلشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ،20-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن توققۇز يىرىم بىلەن .ئۇنىڭ ئىدارىگە يىقىن بولغان زېجوۋ ناھيەلىك تەپتىش مەھكىمسىگە كىلىپ چۈشتىن كىيىن بەشكىچە پاراڭلاشقانلىقىنى ئېيتقان . 

 

ئۆيدىكلەرنىڭ ئاشكار قىلشىچە 21-چىسلا چۈشتىن كىيىن ئۈچلە ئەتراپىدا شەنشى يۇقرى سۈرەتلىك يول مەمۇرىي تارماق يول تكشۈرۈپ كىتىپ بارغاندا جىنجى يۇقىرى سۈرەتلىك يولى خېنەن يۆنلىشىدىكى بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە بىر ئاق ئاپتوبۇسنى بايقىغان ،ماشىنا ئىشكى ئوچوق ،ماشىنا .ئىچىدە ئادەم يوق ،ماشىنىنىڭ ئارقا .ئورۇندىقىدا بىر ھەربى فورىمىنى بايقىغان .تەكشۈرۈش .ئىلىپ بارغاندىن كىيىن ماشىنا ئىگسىنىڭ خوۋيۈ ئىكەنلكىنى .ئىنىقلىغان.كيىن كۆۋرۈك ئاستىدىن ئۆلۈپ كەتكەن خوۋيۈنى تاپقان .
شىنجىڭ گىزتى مۇخپىرى تۈنۈگۈن تىلفۇن بىلەن شەنشى ئۆلكىسى قاتناش ساقچىخانسىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسنىڭ مەسئۇل خادىمى بىلەن ئالاقىلاشقان ،بۇ مەسئۇل خادىم مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالىنى ھازىر تەكشۈرۋاتىدۇ ،ۋاختىنچە تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاشقا ئەپسىزدەپ جاۋاپ بەرگەن.مۇخپىر كۆپ قىتىم جىنچېڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىسى بىلەن زېجوۋ ناھيەلىك تەپتىش مەھكىمسىگە تىلفۇن قىلغان بولسىمۇ ئالدىغانغا ئادەم يوق .


شەنشىدىن ئۆزنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر مەمۇرنىڭ مۇخپىرغا دىيشىچە شەنشى «3.1»ئالاھىدە چوڭ تونىل ۋەقەسى تېخىچە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا .ئىكەنلىكى ،خوۋيۈنىڭ كۆۋرۈكتىن يىقىلىپ ئۆلۈشى شۇ يەردە نۇرغۇن مۇلاھىزلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.


جوڭشىن تورىدىن ئىگىلنشىچە 11-چىسلا جىنچېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخپاراتلىقى 16 قازاغا ئۇچۇرغانلارنىڭ سالاھيىتىنى خەۋەر قىلغان .13-چىسلا گوۋۇيۇەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گورپىسى ۋەقە 31 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ،9 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان . گوۋۇيۇەن تەكشۈرۈش گورپىسنىڭ ئىلان قىلغان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جىنچېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەۋەر قىلغان سانىدىن ئاز بولغانلىقى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قاشا قىلغانلارنىڭ سانىنى يۇشۇرغانلىقىنى مەخسەت قىلغان دىگەن گۇماننى قوزغىغان .

 

 

 



خەتكۈچلەر:
25-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek