غەربىي ئافرىقدىكى ‹‹بوكو ھەرەم››نىڭ ئاتامانى ‹‹ئافرىقدىكى بىنلادىن ›› دەپ قارالماقتا

نېگېرىيە ‹‹كۈندىلىك قۇياش گېزىتى››نىڭ 18-چېسلا پىرىزدېنىت جوناسېىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ دىيشىچە، نېگېرىيە 20 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇقۇغۇچى قىزلارنى ئىزدىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۈندە، CNN مۇ خەۋەر قىلىپ ئېيتىشچە،نېگېرىيە قىز ئۇقۇغۇچىلارنى قوغداش ئىشىدا يىتەرلىك ئاكتىپ بولمىغان دەپ ئەيبلەنگەن، بىراق نېگېرىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ باياناتچىسى كىرىس ئاقىلاپ :‹‹بورتا شىتاتى ئاللىقاچان جىددى ھالەتكە كىردى، بۇ 90كىۋادىرات كىلومىتىردىن ئارتۇق دائىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەجىبا بىز 90مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىردىن ئارتۇق دائىردە ئەسكەر تۇرغۇزامدۇق؟ھەر كىۋادىرات كىلومىتىرغا بىردىن ئەسكەرمۇ؟بۇنداق قىلىشنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىتىدغانلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ بىلگىلى بۇلىدۇ.›› دىگەن.

فىرانسىيە پىرىزدېنىتى ھوللاندىنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلەت رەئىسلىرى يىغنىدا ئېيتىشچە، ‹‹بوكو ھەرەم›› ‹‹نېگېرىيە مەسلىسى ››بۇلۇپلا قالماستىن يەنە ‹‹پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسلىسى››، بىراق ھوللاندى  قۇرۇقلۇق ئارمىيسى ئەۋەتىشنى رەت قىلدى. ئامىرىكا كاتو تەتقىقات ئورنىدىكى  دوگلاس 18-چېسلا ‹‹تەڭرى يولى كۈندىلىك گېزىتى›› دە ماقالە ئېلان قىلىپ :‹‹ نېگېرىيەدىكى تېرورلۇق ئىدىيسىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى يەنىلا نېگېرىيە ئۆزى، ھەرگىزمۇ ئامىرىكا ئەمەس.››  ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:‹‹بۈگۈنگە قەدەر ‹بوكو ھەرەم› ۋەشىيانە ئۆلتۈرۈش ھەركىتنى پەقەت نېگېرىيە چېگراس ئىچىدىلا ئېلىپ بارغان ، ئەگەر ئامىرىكا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا قاتناشسا، بۇ بەلكىم يەنە بىر خەلقئارالىق ‹جىھاد ئۇنسۇرلىرى›نى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، ئۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ  ھۇجۇم قىلىش نىشانى كېڭيىپ ئامىرىكىغمۇ يىتىپ بارىدۇ.››

كۆپلىگەن غەرب ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ ئانالىز قىلىپ ‹‹بوكو ھەرەم››نىڭ پەيدا بۇلۇش ئارقا كۆرنۈشنى تىلغا ئالغاندا نېگېرىيەنىڭ شىمالدىكى نامراتلىقنى تەكىتلىگەن، ئەنگىلىيە ‹‹مۇھاپىزەت گېزىتى›› يەنە تېخى ئېكلوگىيەلىك ئاپەت بىلەن نېفىت قېزىشقا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئىران خەۋەر تېلىۋىزىيە قانىلنىڭ 17-چېسلا دىيشىچە، ‹‹بوكو ھەرەم››نىڭ تېرورلۇق ھەركەتلىرى ، ئوڭچىل ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇكرائىنانى كونتىرول قىلشى،سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى زەھەرلىك گاز ھۇجۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كازافىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمگە ئېرىشكەن. بەزى ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئېيتىشچە، كازافى ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ پارىژدىكى ئۈچ ئامباردىكى مال-دۇنياسى غەرب تەرەپىدىن بۇلاپ كىتىلگەن، شۇندىن كىيىن تۈركۈمگە بۈلۈنۈپ ئافرىقا قىتئەسى، پولشا، ئۇكرائىنا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرگەن. 

‹‹ئەبۇبەكرى شەيىخ :ئافرىقدىكى بىنلادىنغا ئايلىنىدۇ.›› ئامىرىكا مەملىكەتلىك تېلىۋىزىيە شىركىتىنىڭ 18-چېسلا كۆرسەتكەن ئەبۇبەكرى دەل ‹‹بوكو ھەرەم››نىڭ ئاتامانى بۇلىدۇ. ئامىرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارى  ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسىسنىڭ سۆز بۇيىنچە ئېيتقاندا، ئەبۇبەكرى  تېخى 40 ياشقىمۇ كىرمىگەن، تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، تۇغۇلغان جايى ئېنىق ئەمەس، بۇندىن بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىسى ئېنىق ئەمەس، بەزىلەر ئۇنىڭ نېرۋىسى جايىدا ئەمەس دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇ ‹‹تۈلكىگە ئوخشايدۇ›› دەيدۇ.  ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمغان ئامىرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشچە، ئەڭ يېقىندىكى سىن كۆرنىشىدە ، ئەبۇبەكرى ئامىرىكىغا تېخىمۇ قارشىلقىنى بىلدۈرگەن، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ غەزىپنى ئىپادىلگەن سۆزلىرى ۋە سوقۇشۇش تەلەپپۇزدا ئامىرىكا پىرىزدېنتى  ئوبامانى ئەيبلىشى ئامىركىنىڭ نېگېرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامىرىكنىڭ نېگېرىيەدىكى پايدا-مەنپەئەتىگە ھۇجۇم قوزغىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن دەپ قاراشقا مەجبۇر قىلغان. 2009-يىلى ئەبۇبەكرى ‹‹بوكو ھەرەم››نى قولىغا ئالغاندىن بۇيان ،مەزكۇر تەشكىلات دۇنيادىكى ئەڭ زوراۋان تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئايلاندى . ئامىرىكا تاشقى ئىشلار مۇناسىۋتى مۇدىريىتنىڭ دىيشىچە مەزكۇر تەشكىلات 7000دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتكەن بۇلۇپ، بۇ قانغا بويالغان سانلىق رەقەم ئامىرىكا ھۆكۈمىتنى ئەبۇبەكرىگە قارىتا 7 مىليون دوللار مۇكاپاتلىق تۇتۇشۇپ بىرىش ئېلانى چىقارغۇزغان .

‹‹بوكو ھەرەم›› نىڭ ئاھاڭ مەنىسى بولسا ‹‹غەرب مائارىپى ۋە مەدەنىيتىنىڭ چەكلىنشى ››.ئامىرىكا ‹‹خىرسىتىئان دىنى ئىلمى گېزىتى ››17-چېسلا ‹‹بوكو ھەرەم››نى ‹‹جىھاد ئۇرشى سۆزلىرى ئارقىلىق غەزىپىنى ئىپادىلەيدىغان نېگېرىيە خائىن ياشلىرى ›› دىگەن . مەزكۇر تەشكىلات  ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلاپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن شىمالى قىسىمدا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى ئىكەنلكنى  ھەمدە ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلماقچى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. خەۋەر قىلنىشچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90يىللىرنىڭ  ئاخىرى  ،‹‹بوكو ھەرەم›› مەيدانغا كەلگەن، ئەڭ دەسلىپدە ئۇ بىر مۇنەۋۋەر ئۇقۇغۇچىلار تەشكىلاتى (19 ئەسىردە مۇستەملىكە قىلىنغان مەزگىللەردىكى ئىسلام خەلپىلكىنى قايتا قۇرۇشنى غايە قىلغان) ئىدى، كىيىن بارا-بارا تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى غايەت زور ئارلاشما كۈچ ، زوراۋان ياشلار ھەركىتى ھەمدە كۈنسايىن ئېشىپ نېگېرىيەنىڭ تېنىگە سانجىلغان خەنجەر بۇلۇپ قالدى. 2014-يىلى كىرىپ ئۆتكەن بەش ئاي ئىچىدلا  1500 ئادەم(كۆپچىلكى ئادەتتىكى پۇقرا) قىرغىن قىلىشقا ئۇچرىدى. نېگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالدىكى كەنىتلەردە ھەتتا پۈتۈن كەنىت قىرغىن قىلىنغان ياكى كۆيدۈۈرۋىتىلگەن ئەھۋاللارمۇ بار. 

 

 



خەتكۈچلەر:
19-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek