خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ناۋارنى موسكۋادىكى 30-دېكابىر قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيىتىدە قولغا ئېلىندى ، بۇنىڭدىن نەچچە سائەت ئىلگىرى ئۇ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن كېچىكتۈرۈپ جازالىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغان .
30-دېكابىر موسكۋادىكى بىر سوت مەھكىمىسى ناۋارنىنىڭ بىر شىركەتنىڭ پۇللىرىنى ئالداپ يۇتۇۋېلىش جىنايىتىگە ئۈچ يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان ، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ بىللە ئۈچ يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
شۇ كۈنى ناۋارنىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىجازەتسىز ھالدا ھەيۋە كۆرسىتىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، سوت ھۆكۈمىگە قارشى تۇرغان . ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved