جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ياش يېقىندا بېلگىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن ئامان قالغان. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىغىنى شۇكى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم شۇنداق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نەچچە يۈز ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان بۇ ئۈچ قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىدە ئامان قېلىش، ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىدىغان تەلەي ئەمەس، ئەلۋەتتە.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ياشنىڭ ئىسمى ماسون ۋېللىس (Mason Wells) (سولدا) بولۇپ، بۇ يىل 19 ياش، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يەنە باشقا ئۈچ دىن تارقاتقۇچى بىلەن بىللە ئىكەن. تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۇ بېلگىيە ئايرودرومىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ رەسمىيەت بېجىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى رايوندا پارتلاش يۈز بەرگەن، ئۇلار تۆتى يارىلانغان، ماسون ۋېللىسنىڭ پۇتى يارىلانغان، بىراق ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان.
ئالدىنقى يىلى ماسون ۋېللىس پارىژغا بېرىپ دىن تارقىتىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاۋاتقاندا تېررورلۇق ۋەقەسىگە ئۇچرىغان، بىراق بەختكە يارىشا يارىلانمىغان. شۇ قېتىملىق پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدە 127 ئادەم قازا قىلىپ، 368 ئادەم يارىلانغان ئىدى.
ماسون ۋېللىسنىڭ دادىسى چاد (Chad) تاراتقۇلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى 4-ئايدا بوستون مارافونچە يۈگۈرۈش جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە، ماسون ۋېللىسمۇ نەق مەيداندا بولۇپ، دادا-بالا ئىككىسى ئاخىرقى نۇقتىدا ماسون ۋېللىسنىڭ ئانىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. بىراق ئۇلار بۇ قېتىممۇ يارىلانمىغان. شۇ قېتىملىق بوستون تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 264 ئادەم يارىلانغان ئىدى.
چاد مۇنداق دېدى:«ئوغلۇم ماسون ۋېللىس جەمئىي ئۈچ قېتىملىق چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن ئامان قالدى، بۇ ئادەمنى ھەم ئەنسىرىتىدۇ ھەم خۇشال قىلىدۇ. بىز ھازىر ياشاۋاتقان دۇنيا تولىمۇ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. تەڭرىنىڭ بالامنى ئامان قالدۇرغىنىغا مىڭ قەتلە شۈكرى. ئۇ ئەسلىدە ۋەتەنگە قايتىپ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىنىستىتۇتىغا كىرمەكچى ئىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەھۋال ئانچە ياخشى ئەمەستەك تۇرىدۇ.»
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved