كەڭ قورساقلىق ھەقىقەتەن ئېسىل ئەخلاق. يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر 60 ياشتىن ئاشقان 1000 ئادەمنى «دىن، ياشىنىش ۋە ساغلاملىق» تېمىسىدىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ساغلاملىق ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەكلا كەڭ قورساق بولۇپ كېتىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلار باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋالسا، ئۇلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپلا كېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ياشانغانلارنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تالاشتىكى سەۋەب شۇكى، ياشانغانلار كۆپىنچە ھايات ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن روھىي بېسىمى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ياشانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنى باشقىلار ئەپۇ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن پەقەت ئۇلار باشقىلارنى ئەپۇ قىلسىلا ئۇلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن يىراقلىشىدىكەن، ئەرلەردە بۇنداق ئالاھىدىلىك تازا دېگەندەك بولمايدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بايقاش دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنى داۋالاشقا يېڭى يول ئېچىپ بېرىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved