ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا قېلىن قار تەسىرىدىن نەچچە ماشىنا توسۇلۇپ قېلىپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم يولدا قاپسىلىپ قالغان ھازىر قۇتقۇزۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ
قېلىن قاردىن كېيىن، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يەنە سوغۇق شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەتىگەن سائەت 11 ئەتراپىدا، خۇڭيەنچى (چوڭ كۆل) رايونىدا شامال قارلارنى ئۇچۇرتۇپ، ھاۋا رايى تەسىرىدىن قاتناش توسۇلۇپ قالغاچقا، نۇرغۇن ئاپتوموبىل يوللاردا قاپسىلىپ قالغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىرلەشمە 12-شىسىنىڭ يول مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى جاۋ يوڭجۈننىڭ مۇخبىرغا، قار بوراندا چىدۇغۇسىز ھالەتتە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا گەۋدىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىلكىنىپ تۇردى، سوغۇق شامال ئادەم يۈزىگە يىڭنە سانجىغاندەك قادالدى، كۆرۈنۈش دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولدى، قاپسىلىپ قالغانلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ، نورمال يۈرۈشكە يەنىلا ئامال يوق، بۇ يول بۆلەكلىرىدە يۈك ئاپتوموبىللىرى بىرقەدەر كۆپ، ئۇشتۇمتۇت شامال ئۇچۇرغان قاردىن ئۆتۈش قىيىن دېدى.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved