جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى تېرىشىپ بەرپا قىلىمىز.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى يەن فېنشىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلرايىنى مايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن قورالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئىناق، مۇقىم، خاتىرجەم ياشايدىغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى تېرىشىپ يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ دېدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى لى چۈنياڭ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ھالەت، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان قىزغىنلىق بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى، مۇقىم تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ھەلىمە ئەزىمەت مۇنداق دېدى: مەن ئىلغار ئىدىيە ۋە سەمىمىي، گۈزەل، دۇرۇس سۆز-ھەرىكەتلەردىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈشتىكى ئىجابىي كۈچنى كۈچەيتىپ، ئىپتىخارلىق نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.
تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە مەخسۇس بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي خەلق ئەسكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى.
بىڭتۈەن 6-دىۋىزىيىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسارى ما شىنپىڭ مۇنداق دېدى: باش سېكرېتارنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتى ھەققىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى تەسىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، بىز باش سېكرېتارنىڭ مۇھىم سۆزىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دىۋىزىيە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈچلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دىۋىزىيە ۋە شەھەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved