روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 7-دېكابر خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارى گۇتېرىيز ئانتونىيو، مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىق تېرورچىلارنى قوللىغان بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش دېگەن.
گۇتېرىيز ئانتونىيو:«كىشىلەر سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز، چۈنكى بۇ مۇساپىرلار مۇساپىر دېگەن ۋاقىتتا ئۇلار ئاللىبۇرۇن تېررورچى تەشكىلاتنى قوللىغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ئۇلارنى تېررورچىلارنىڭ قوينىغا ئاتقانلىق بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تېررورچى تەشكىلاتقا يېڭىدىن ئەزا قوشۇشىغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىكەن.
پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved