يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىدا خاتا يېزىلغان خەت بار؟ جۇڭگو پۇل بېسىش باش شىركىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى.
بەشىنچى يۈرۈش 2015-يىللىق يۈز يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ ئوڭ يۈزى.
كىملىكنىڭ ئۈستىدە تىل-يېزىق خاتالىقى بايقالغاندىن كىيىن ،«سۆز-ئىبارىلەرگىلا ئېسىلىۋالىدىغان» بەزى «مۇھەررىرلەر» يېقىندا يېڭى نۇسخىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېزىلىدىغان «يۈز يۈەن» دېگەن خەتنىڭ چوڭ يېزىلىشىدىكى يۈەن (圆) دېگەن خەت خاتا ئىشلىتىلگەن، دېگەن پەتىۋانى كۆتۈرۈپ چىققان. ئېلىمىزنىڭ «جۇڭگو خەلق بانكا قانۇنى» دا ئېنىق بەلگىلىمە بار : خەلق پۇلىنىڭ بىرلىكى يۈەن (元)،پارچە پۇل بىرلىكى بولسا مو، پۇڭ. ئۆلچەملىك ئىشلىتىدىغان يېزىق ئەسلى يۈەن (元) . بىراق يۈەن (圆) نى ئىشلىتىش تارىخى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان، چۈنكى بۇرۇن تەڭگە ئىشلىتەتتۇق. ھازىر بىزدە ئاللىبۇرۇن پۇل توغرۇلۇق مۇكەممەل بولغان قانۇن بار. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭچە يېڭى تارقىتىلغان خەلق پۇلىغا خاتا خەت ئىشلىتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ (圆) خېتىگە قانۇن نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قارىسىڭىز ئاساسى بارمىكەن؟
بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو پۇل بېسىش باش شىركىتى ئورگان تەرەپنىڭ ئۈندىدار سالونىدا (جۇڭگو پۇل باسمىچىلىقى) تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرغان.
بەشىنچى يۈرۈش 2005-يىلى تارقىتىلغان خەلق پۇلىنىڭ ئالدى يۈزى.
بەشىنچى يۈرۈش 2005-يىلى تارقىتىلغان خەلق پۇلىنىڭ كەينى يۈزى.
بەشىنچى يۈرۈش 1999-يىلى تارقىتىلغان يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ ئالدى يۈزى
بەشىنچى يۈرۈش 1999-يىلى تارقىتىلغان يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ كەينى يۈزى.
تۆتىنچى يۈرۈش 1990-يىلى تارقىتىلغان يۈز يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ ئالدى يۈزى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved