2-نۆۋەتلىك نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 28-ئاۋغۇست، نەنجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. گۇۋويۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەنجىڭدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئارگېنتىنا پايتەختى بوئېنوس ئايرېستا 3-نۆۋەتلىك ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved