WCBAھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى زەپەر قۇچتى

 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.


  1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بېيجىڭ ‹‹شۇگاڭ›› تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بېيجىڭ ‹‹شۇگاڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركىشىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 61 گە قارشى 70 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. بۈگۈنكى مۇسابىقىدە كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چولپان پېڭ شىچىڭغا مەركەزلەشتى، ئۇ پۈتۈن مەيداندا ئەڭ يۇقىرى نومۇر، يەنى 25 نومۇر ئالدى، ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بەشنى كىرگۈزدى.


  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كەيپىياتى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ھۇجۇم، مۇداپىئە ئەھۋالى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى، نومۇردا ئارقىدا قېلىپ، بېيجىڭ كوماندىسى خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. قىسقىغىنە تەڭشەشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 2 – چارەكتە تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈچ نومۇرلۇق توپنى ئارقا – ئارقىدىن كىرگۈزۈپ، بېيجىڭ كوماندىسىغا يېتىشىۋالايلا دەپ قالدى. 3 – چارەكتە ئىككىلا تەرەپ مۇداپىئەنى پۇختا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن توپ تالاشتى، مۇسابىقە بەكلا قىزىدى، ئاخىرىدا 47 دە 47 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.


  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 4 – چارەك مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى قىزلار ئاتقانلىكى توپنى نىشانغا دەل تەگكۈزۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ جاسارىتىنى، ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 61 گە قارشى 70 نومۇر بىلەن ئۇتۇپ، تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.


  مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جەن شۇپىڭ نەق مەيداندا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا مەدەت بەرگەن نەچچە يۈز توپ مەستانىسىگە چوڭقۇر تەزىم قىلدى. ئۇ: قەيەرگىلا بارمايلى، شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى كوماندىمىزغا زور مەدەت بەردى، دېدى. ئەمما ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغانلىقىدىن ئۇنچىۋالا خۇش بولۇپ كەتمىگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسى بىر يېڭى قوشۇن، بىز باشتىن – ئاخىر بېيجىڭ كوماندىسىدىن ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدۇق. بۈگۈنكى غەلىبە ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، لېكىن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى قىزلار ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئەستايىدىل ئويناپ، ئاخىرغىچە تىرىشىپ، ھەر قايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلدى.


  3 – مارت ئىككى تەرەپ يەنە بىر مەيدان كۈچ سىنىشىدۇ، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
02-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
04-02-2016
     2015 ~ 16-مۇسابىقە پەسلىلىك CBA ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 37 -قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر ئۆز كۈچىنى تولۇق نامايان ...
Powered by Leglek