2014–يىلى سىچۇەن گۈزەل–سەنئەت ئىنستىتۇتى ئوپېراتورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن لىن كۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن ھازىرغىچە پەقەت قىسقىغىنە يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى لايىھەلىگەن ياكى ئۆزگەرتكەن كىيىملەرنى سېتىش ئارقىلىق، ئايلىق تىجارەت سوممىسىنى 20 مىڭ يۈەندىن، پايدىسىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان. لىن كۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۈر ئىلگىرى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن، نۆۋەتتە ئۇ مۇستەقىل ماركا يارىتىش ئارقىلىق، ئالاھىدە زاكازلىق كىيىملەرنى تىكمەكچى بولغان.
لىن كۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ مال مەنبەسى گۇاڭدۇڭدىكى كۆپ قىسىم كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن مەھسۇلاتلار بولۇپ، سۈپەت جەھەتتە لاياقەتلىك ئىكەن، لېكىن پاسونى جەھەتتە ۋاقتى ئۆتكەن ئىكەن. لىن كۇننىڭ ۋەزىپىسى بۇ كونا پاسوندىكى كىيىملەرنى مودا كىيىملەرگە ئۆزگەرتىش ئىكەن.
كىيىم ئۆزگەرتىشتىن باشقا، لىن كۇن يەنە ئۆزىگە تەۋە بولغان مۇستەقىل ماركا ياراتماقچى ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىيىم-كېچەك لايىھەسى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان 10 نەچچە ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇستەقىل لايىھەلەش ئېلىپ بارىدىكەن، ئاندىن بۇ لايىھەلەرنى گۇاڭدۇڭدىكى زاۋۇتقا يۇقىرى دەرىجىلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق تىكىپ چىقىشقا بېرىدىكەن.
لىن كۇننىڭ ئېيتىشىچە، قىسمەن خېرىدارلار كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشتا ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىغا ماس كېلىدىغان كىيىملەرنى تاپالمايدىكەن. لايىھە كوللېكتىپى خېرىدارلارنىڭ ئويلىغىنىدەك كىيىملەنى لايىھەلەپ بەرسە چوقۇم كۆپ قىسىم كىشىلەرنى جەلپ قىلغىلى بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved