شۇ يەر ۋاقتى 5-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند ئېلىسې سارىيىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى 5-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
فىرانسىيە ‹‹لې فىگارو گېزىتى›› تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 5-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند ئېلىسې سارىيىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى 5-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلارنىڭ مۇھىم يىغىنىنى چاقىرىش ھوللاندنىڭ ئالاھىدە ئادىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇخبىرلار يىغىنى ھوللاندنىڭ سارىيى ـــ ئېلىسې سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇخبىرلار يىغىنى جەمئىي ئىككى سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 لەردە ۋاقتىدا ئاياغلاشقان. يىغىندا، پەقەت 18 مىنۇتلۇق باشلىنىش سۆزىدىن كېيىن، ھوللاند ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تۈرلۈك چوڭ ۋەقەلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئالاقىدار كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلغان.
يىغىندا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مۇناسىۋىتى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ۋە ئىشسىزلىق ئەھۋالى، گرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى، فىرانسىيە-گېرمانىيە مەسىلىسى، پارىژ كىلىمات يىغىنى، سۇرىيە مەسىلىسى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى، شۇنداقلا دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇساپىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved