تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان 20-يانۋار ئەنقەرەدە: 2023-يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە تۈرىگە يېڭىدىن يەنە تەخمىنەن 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا ئېھتىياجلىق دېدى.
ئەردۇئان تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئۆتكەن 12 يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك ئېشىشىنى ساقلىدى، يىللىق ئېنېرگىيە ئىستىمالىنىمۇ بىر قاتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: 2023-يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە دۇنيادىكى ئون چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ يىللىق ئېنېرگىيە ئىستىمالىنى 2023-يىلىدىن بۇرۇن يەنە بىر قاتلايمىز، شۇڭا بۇ ساھەگە يېڭىدىن 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved