شىنخۇا ئاگىنىتلىقى 10 - مارت تېلىگىراممىسى،سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،
مالايسىيە ئىچكى سىياسى مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2 نەپەر ئاسىيالىق بولۇشى مۇمكىن بولغان كىشى 2 دانە يۈتۈپ كەتكەن ئىتالىيەلىكنىڭ ۋە ئاۋىستىرىيەلىكنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىپ مالايسىيەنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەگە ئۇچراپ تىخىچە ئىز دېرىكى بولمىغان بۇ ئايروپىلانىغا چىققان. خەلىقئارالىق جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى ۋە باشقا يولۇچىلارنىڭ پاسپورتىدا گۇمانلىق ئەھۋاللار بار يوقلىقىنى ئېنىقلىدى.خەلىقئارالىق جىنايى ئىشلار ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 2 يۈتۈپ كەتكەن پاسپورتنىڭ بىرى ئىتالىيەلىكنىڭ، يەنە بىرى ئاۋىستىرىيەلىكنىڭ بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم 2012- ۋە 2013-يىلى تايلانتقا بارغاندا پاسپورتىنى يۈتۈرۋەتكەن. ئارىسىدىكى بىرپاسپورتنىڭ ئەسلى ئىگىسى ، ئىتالىيەلىك مالاردى ھازىر تايلانتتا بولۇپ، تايلانتنىڭ ساقچى تەرەپ ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ قايتا بىجىرگەن پاسپورتىنى مۇخپىرغا كۆرسەتكەن.خەلىقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىسىنىڭ دىيىشىچە، ئوغۇرلانغان پاسپورتنىڭ ھەممىسى تەشكىلنىڭ سانلىق ئانبىرىغا كىرگۈزۈلۈدىكەن،لىكىن بۇرۇن ھېچقايسى دۆلەت بۇ 2 پاسپورتنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلمىغاچغا، تەشكىل ئۆتكەن ئىككى يىلدا بۇ ئىككى پاسپورتنىڭ يەنە باشقا جايلارغا كىرىپ چىققانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدىكەن.مالايسىيە مىدىئالىرى ،مالايسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خەمىد نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، ئوغۇرلانغان 2 پاسپورت بىلەن ئايروپىلانغا چىققان ئىككى كىشىنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا ئاسىيالىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان. خەمىد مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئويلانماستىن ئىش قىلىپ، ئاسىيالىقلارنىڭ ياۋروپا پاسپورتى بىلەن ئايروپىلانغا چىقىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.خەلىقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى باشلىقى نۇبۇل كۆرسىتىپ، ھازىرچە ھېچقانداق ئىسپات بۇ پاسپورت بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئالاقىسىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ، لىكىن تەشكىل يەنىلا باشقا يولۇچىلار ئۇچۇرلىرىنى ئېنىقلاپ نەتىجىسىنى باشقا دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved