ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ غەلۋىسىنى قوزغىدى

‏يېقىنقى خەلقئارا سەھنىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ غەلۋىسىنى قوزغايدۇ. ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارى خاگىل ئاسىيادا بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ جۇڭگونى ئاشكارا ئەيىبلىدى .كېيىن زوڭتۇڭ ئوباما پولشادا ئامېرىكا ياۋروپادىكى ھەربىي ئىشلار مەۋجۇتلۇقىنى كۆپەيتىدۇ، دېدى. بۇ مەزگىلدە ئوبامانىڭ ئامېرىكا دۇنياغا يەنە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دېگەن سۆزلىرى ياڭرىدى. ئوباما دىپلوماتىيە ساھەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇشتۇمتۇت بۇ خىل سۆزلەرنى قىلىدۇ؟


ئوباما بىر ئاز ساراسىمىگە چۈشكەندەك قىلىدۇ. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سايلام بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كەلمەكتە. ئوبامانى قوللاش نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى دېموكراتلار پارتىيىسى ئۈچۈن پايدىسىز، كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تىزگىنلىشىدىن تەدرىجىي ئايرىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرەلىسە، كېلەر يىلى پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتانى تىزگىنلىيەلەيدۇ. زوڭتۇڭ ئوباما ئىلاجسىز قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئوباما ھەقىقىي پالەچ ھالەتكە چۈشىدۇ. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كېيىنكى ئىككى يىلدا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىقى مۇمكىن.


ۋەزىيەتكە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراشقا بولمايدۇ. دۆلەت ئىچىدە ئوباما مۇھىم دەپ قاراۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتىدا مۇنازىرە ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. 1-ئاپرېل ھارپىسىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە: داۋالاش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسىنى قوللاش نىسبىتى %26 گە چۈشۈپ، يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورت ياراتقان، دېموكراتلار پارتىيىسى تەمىنلىگەن مەلۇمات %27 گە يەتكەن. دەسلەپتە پارلامېنتتىن ئۆتۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى پارتىيە ئارىسىدا ماجىرا پەيدا بولۇپ، ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالدى .

 

بۇنىڭ بىلەن ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى داۋالغۇش مەزگىلىدە تۇرۇپ كەلدى. يولغا قويۇش داۋامىدا داۋالاش سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىش تور بېكىتى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ، مىليونلىغان سېتىۋالغۇچىلار سۇغۇرتىنى ئەسلىدىكى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش پەيتىنى يوقۇتۇپ قويدى. بۇ ئوبامانىڭ زوڭتۇڭلۇق ئابرۇيىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى. ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئوباما بىن لادىننى ئېتىپ تاشلاشقا ئوخشاش مۇھىم دەپ قاراۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتى دېموكراتلار پارتىيىسىنى ئاجىزلاشتۇردى.


‏ئوباما ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا،قىسقا مەزگىلدىكى ئىچكى سىياسەت جەھەتتە نومۇر ئالالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تەبىئىيلا چەتئەلگە يۈزلىنىپ، دىپلوماتىيە سەھنىسىدە جار سېلىشقا باشلىدى.


ئوباما بايان قىلغان دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيىسىنى بەزىلەر ئوبامائىزم دەپ يىغىنچاقلىماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى يەرشارى بويىچە ئارىلىشىش ۋە يەككەچىلىك ئارىسىدىن ئوتتۇرا يول تېپىپ، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاش. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دىپلوماتىيە ئالاھىدىلىكى ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئاجىزلىشىش داۋامىدا ئەقىلگە تايىنىپ، ئۇرۇش قىلمايلا غوجامغا ئايلىنىش.


بەزىلەر ئوبامانىڭ خاراكتېرى ۋەزىيەتكە باقمايدىغان ئامېرىكا زوڭتۇڭى بولغانلىقىدىن ھەسرەتلەنمەكتە .ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ نىسبىي ئاجىزلىقى پاكىت. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قانۇن ،خەلقئارا ئەھدىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنىڭغا روشەن مىسال بولالايدۇ. ئامېرىكا زومىگەرلىككە ئادەتلىنىپ قالدى. خەلقئارا قانۇن ، خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ئۆزىگە پايدا بولغاننى قوبۇل قىلىدۇ، پايدا بولمىغان تەرەپلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەتتا قىسمەن خەلقئارا قانۇن ياكى ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىدۇ. لېكىن ھازىر، ئامېرىكا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. مەسىلەن سۇرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا خىمىيىلىك قۇراللارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش جەنۋە ئەھدىنامىسىنى تەكىتلىدى.


ئوبامانىڭ غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتەپتە سۆزلىگەن نۇتقىدا ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ چېكى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكەن ھامان ئامېرىكا ئەسكەرلەرنى ئىشقا سالىدۇ. ئوباما ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى يىگىنىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن تەھلىلچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. چۈنكى بۇ خىل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش يىگىنىسى ھەتتا ئىزىنخاۋىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىلەن ئوخشاش.ئوباما ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىگە ئايلاندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دەۋرى يىراقلاشتى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ جار سېلىشى شەكىللىنىپ بولغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
09-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek