بېيجىڭ ۋاقتى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە چاۋشيەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالاھىدە خەۋەر بېرىپ، چاۋشيەننىڭ 6- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم ۋودروت بومبىسى سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 1- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چاۋشيەننىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: چاۋشيەننىڭ ۋودروت بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ، دېدى.
چاۋشيەن ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: يادرو سىنىقى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە جەھەتتىكى ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىمىز، ناۋادا تاشقى كۈچلەر چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلمىسا، چاۋشيەنمۇ يادور قورالىنى ئىشلەتمەيدۇ.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنباۋ 6- يانۋار مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى چاۋشيەننىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ. چاۋشيەننى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى ناچارلاشتۇرىۋېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنى ئالتە تەرەپ سۆھبەت رامكىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved