ئىسرائىلىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئولمېرت
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئولمېرتقا قاراتقان چىرىكلىشىش جىنايىتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىنى 18 ئايغا ئۆزگەرتكەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئولمېرت كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ جازا ئۆتەشنى باشلايدىكەن.
ئولمېرت 2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ 1992-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئېروسالىم شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە چوڭ كۆلەملىك كۆچمەس مۈلۈك سودىسىغا چېتىلىپ قېلىپ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved