لىيەنشاڭ wp8.1 سىستېمىلىق ئەقلىفون ياسىماقچى

 بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى


يېقىدا ئاخىرلاشقان 2014MWC - يىللىق كۆرگەزمىسىدە، مىكروسوفت تەرەپ ھازىر نوكىيا، HTC، سامسۇڭ قاتارلىق ھەمكارلاشقۇچىلاردىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم يېڭى قاتتىق دېتال ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، مەملىكىتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسى "لىيەنشاڭ" مۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لىيەنشاڭ بۇ يىل 4- ئاي مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى windows سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئىشلەپ چىقارماقچىكەن.


ھازىر لىيەنشاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىدە ئاۋۋالقىدەكلا Android سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لىيەنشاڭنىڭ windows سىستېمىسى قاچىلانغان خاتىرە كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېرى يەنىلا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى، ئەڭ چوڭ پايدا مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. بەلكىم دەل مۇشۇ ئەھۋال تۈپەيلى لىيەنشاڭ windows كەسىپ زەنجىرىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ئويلىغان، windows سىستېمىلىق يانفوننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەل لىيەنشاڭنىڭ بۇ يوچۇقىنى تولدۇرۇشىغا ياردەم قىلالايدۇ.


بۇندىن باشقا ھازىر بىزنىڭ لىيەنشاڭنىڭ بۇ windows سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى توغرىسىدا بىلىدىغان ئۇچۇرلىرىمىز كۆپ ئەمەس. پەقەت مەزكۇر يانفوننىڭ كېيىنچە ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىنىڭ 420 ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 2584 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولىدىغانلىقىنى، 400 Snapdragon ياكى 600 قاتارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقىنى، ئېكرانىنىڭ تەخمىنەن 4.5 دىيۇم بىلەن 5.0 دىيۇم ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. سىستېما جەھەتتە، مەزكۇر يانفونغا يېقىندا ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows Phone 8.1 سىستېمىسى قاچىلىنىدىكەن، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق سىستېما يېڭىلىنىشى نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

 


مەنبەسى بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى



خەتكۈچلەر:
13-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    ئەنگىلىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار 3- ماي گۇگولنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىمارلار ھېچنىمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.  ...
05-05-2016
    خوڭجى (Acer) بۇ ھەپتە دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىدىكى Aspire V17 Nitro Black خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرغا Win10 سىستېمىسى قاچىلانغان، سېتىلىش باھاسى 1069.99 دوللار (خەلق پۇلىغا 6935 يۈەن) دىن با...
05-05-2016
     Apple Watch بازارغا سېلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بەرگەن تەنقىدى بىلەن ماختىشى ئوخشاش كۆپ بولدى. Apple Watch تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىستىقبالى بار....
04-05-2016
    چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «دەۋر ژۇرنىلى» يېقىندا ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 نۇسخىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار كامېرا، تېلېۋېزور، مۇزىكا قويغۇچ، ئەقلىي يانفۇن، ئۇچ...
04-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سامسۇڭ پۇختا تېخنىكىسى ۋە غايەت چوڭ مەھسۇلات لىنىيەسىگە تايىنىپ، يەر شارى يانفون مال چىقىرىش مىقدارىدا بىرىنچىلىك ئورنىنى ئىگەللىدى. گەرچە كەينىدىن يېتىشىۋالغان ئالما خىرىس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ...
04-05-2016
    نۆۋەتتە سامسۇڭ Galaxy Note6 توغرىسىدىكى خەۋەر كۆپىيىشكە باشلىدى، لېكىن بۇ يانفوننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، ئېلان قىلىش ۋاقتى، سەپلىمىسى قاتارلىق تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان فوكۇس نۇقتىغا ئايلاندى، ھەر قېتىم يېڭى ئاشكارىل...
04-05-2016
    بىر خەلقئارا ئاسترونوملار ئەترىتى 2- ماي تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز يەر شارىدىن 40 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى پەتەك يۇلتۇز ئەتراپىدا چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئ...
04-05-2016
    كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى تەڭ ئىئونلۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېۋىزورى ئېھتىمال خاككېرلارنىڭ، ھەتتا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى كۆزىتىشىگە ھەمدە شەخسىي مەخپىيەتلى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 2-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان قۇياش نۇرى قۇۋۋىتى 2- نومۇر دۈشەنبە كۈنى سەھەردە پىلان بويىچە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىن ئايرىلىپ، 16 ...
03-05-2016
     ئالدىنقى ھەپتە، ئەنگىلىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنى ھۆكۈمەت تېلگىراف باش شىتابى GCHQ ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچىدە بىر ئېغىر يوچۇقنى بايقىدى. ھازىر GCHQ ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا 20 گە يېقىن يوچۇقنى ئوڭشاشقا ياردەم قىلغانلىقى، ب...
Powered by Leglek