دېھقان ئىشلەمچىلەر نىڭ خىزمەت تېپىشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوڭايكەن
ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى يېڭى مۆجىزە
<ئۆگىنىش ۋاقىت گېزىتى >نىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر سانىدا چىنيوڭمىڭ نىڭ<جۇڭگودىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كۆرۈلگەن يېڭى ھادىسە،يېڭى مەسىلىلەر>دېگەن بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.ماقالىدە،نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇملىشىشتا كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەر ئاساسلىقى:دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىيىن،ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان،ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ قىيىن،شەرقىي قىسىم رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان،ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونىدىكى كىچىك شەھەرلەرنىڭ قىيىن دېگەندەك مەسىلىلەر.
ماقالىدە دېيىلىشىچە:بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي% 7.4 ئاشقان،بىراق 1-8 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە،پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى توققۇز مىليون يەتتە يۈز مىڭغا يەتكەن.پۈتۈن يىلدىكى نىشاننىڭ 97 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشى بىر –بىرىگە زىت بوپ قالغان. شەھەر –بازارلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرگەندە، بۇ يىلنىڭ 3-،4-،5-ئايلىرىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئايرىم –ئايرىم ھالدا% 5.17،% 5.15 ،%5.07 پىرسەنت بولغان.
ماقالىدە يەنە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر –بىرىگە زىت بولغان بۇنداق ھادىسىنىڭ كۆرىلىشىدىكى بىۋاستە سەۋەب بولسا،شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ يولغا قويغان پايدا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ،پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان سودا رويخەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئىسلاھاتلار.1-8ئايدا،يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان بازار سوبېيكتى سەككىز مىليوندىن ئېشىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان شىركەت سانىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ،
سودا رويخەت تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئېشىش نىسبىتى 60 پىرسەنتكە يېقىنلاشقان.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر –بىرىگە زىت بولغان بۇنداق ھادىسىنىڭ كۆرىلىشىدىكى كېيىنكى سەۋەب بولسا ،جۇڭگو ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئاستا –ئاستا خىرەلىشىشى.بۇ يىلقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئون مىليونغا يەتكۈزۈش نىشانى ئاساسلىقى ئۈچىنچى سانائەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن يىلىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ زىت بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ بولغان. سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە ،جۇڭگو ئەمگەك كۈچى سانىنىڭ مۇتلەق قىممىتى چۈشۈۋاتقان بولۇپ،2010-يىلى 15ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك كۈچى 939 مىليون ئالتە يۈز ئون مىڭغا يەتكەن،2013-يىلىغا كەلگەندە 935 مىليونغا چۈشكەن.2003-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى مۇتلەق ئېشىپ قالاتتى،شىركەت-كارخانىلار مۇئاشنى كۆپەيتمىسىمۇ ،نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىگە ئىگە بولاتتى.2003-يىلىدىن 2010يىلغىچە، جۇڭگو ئەمگەك كۈچى نىسبەتەن ئېشىپ قېلىش باسقۇچىغا كىرىپ، شىركەت-كارخانىلار مۇئاشنى كۆپەيتمىسە ،ئەمگەك كۈچى مۇقىم بولمىغان.2010-يىلىدىن كېيىن ، شىركەت-كارخانىلار مۇئاشنى كۆپەيتسۇن ياكى كۆپەيتمىسۇن ،ئەمگەك كۈچى مۇتلەق قىممىتى چۈشكەن،مۆلچەرلەشكە قارىغاندا .2015-يىلىغا بارغاندا،15ياشتىن 64 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى چۈشۈشكە باشلايدىكەن.
ماقالىدە يەنە ،نۆۋەتتە جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يۈز بەرگەن يېڭى مەسىلە ئاساسلىقى ،بىرىنچىدىن: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىيىن،بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى سانى يەتتە مىليون ئىككى يۈز يەتمىش مىڭ بولۇپ ،تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سانغا يەتكەن.ئىككىنچىدىن، ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان،ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ قىيىن.ئۈچىنچىدىن، شەرقىي قىسىم رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت تېپىش ئاسان،ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونىدىكى كىچىك شەھەرلەرنىڭ قىيىن .مەملىكىتىمىزدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى جۇڭگو ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ،نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا ،ئىقتىساد نىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىشقا تايانغان،ئېستىمال سەۋىيەسى يېتەرسىز بولۇپ قالغان،نوپۇس قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا،ياش ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى ئوبېيكتىپ ئەمەلىيەت.رايونلانىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا،دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ مەركەزلەشكەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەنبەسىنىڭ موللىقى كۆپ مىقداردىكى ئاقما نوپۇسنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا سۈرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،يەنە چوڭ شەھەرلەرنىڭ مۇھىت بېسىمىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ،تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى، كۆتۈرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونىدىكى نوپۇسىنىڭ چېچىلىپ كېتىشى
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەستە توپلىنىشىنى،خىزمەت ئورنىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھات قىلىنىشى ۋە قۇرۇلما تەڭشىلىشى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئالدى بىلەن،قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىش ،جەمىئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.ئاندىن شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇلىشىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇمۇملاشتۇرۇش،مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى كېڭەيتىش كېرەك.
شاڭخەي تەجرىبە رايونى ئەركىن سودا ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا ،بۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئەركىن سودا رايونى ئىش ئورنىنى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى يۈز مىڭغا كۆپەيتىدىكەن..ئۇندىن كېيىن زور كۈچ بىلەن ياشانغانلار كۈتۈنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ،دۆلىتىمىزدىكى ياشانغان ئەمگەك كۈچى تېخىمۇ كۆپىيىپ،ئىشسىزلىق نىسپىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن.يەر شارى خارېكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ئىش ئورنىدىن قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،بۇ ئادەملەر قايتىدن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا موھتاج،جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى،سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ،يېزىلاردىكى نۇرغۇنلىغان ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved