چەتئەللەردە نۇرغۇن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا باشقىچە مەكتەپ مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.
گېرمانىيەدە ھەر يىلى ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنى مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇغۇچىلاردا رەڭلىك كاناي بولىدىكەن. بۇ رەڭلىك كانايغا يەنە ھەر خىل رەڭلىك قەلەملەر، كىچىك ئويۇنچۇقلار سېلىنىدىكەن، بۇنى نەرسىلەرگە پەقەت مەكتەپكە بارغان كۈنىلا ئېرىشەلەيدىكەن.
ياپونىيەدە ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنى ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىللە مەكتەپكە كېلىپ، ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئېلىشىپ بېرىدىكەن ھەمدە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن. ئىككىنچى كۈنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، نەرسە-كېرەكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى يەتكۈزىدىكەن، ئۈچىنچى كۈنى ئاندىن دەرس تەييارلىقى باشلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved