ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار قاتتىق تەشۋىشكە چۈشتى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى سەۋەبسىزلا دۇمباللاندى، مەسچىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى
«ئوربىتا تورى خەۋىرى» ئامېرىكا خەنزۇچە تور بېكىتىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشى يېقىندىن بۇيان قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتكەن. يېقىندا بۇيان يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنى تېخىمۇ تەشۋىشكە سالىدىغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن: ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرگەن مۇسۇلمان ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسىنى ماشىنا سوقۇۋەتكەن، بىر قىسىم مەسچىتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، يەنە بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇسۇلمان قىز ئوقۇغۇچىسى سەۋەبسىزلا دۇمباللانغان.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ترامپ 7-دېكابىر بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى توسۇش كېرەك، دېگەن. ئاق ساراينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ترامپنىڭ بۇ پىكرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەش پىكىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتى بىلەن تامامەن قارىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەنگلىيە سودا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى شەرف ھۇسەيىن ئىسىملىك بىر ئەر 4-دېكابىر سەھەردە ئىسلام مەركىزىگە نامازغا مېڭىش يولىدا، تەھدىت سېلىش تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغان. ئارقىدىنلا بۇ مەسچىتنىڭ قىسمەن دېرىزىلىرى چېقىۋېتىلگەن، ئىچىدىكى جاھازىلار ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
بۇ مەركەزنىڭ دىنىي يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ھۈسەيىننىڭ:«بىز بۇ ئىشتىن بەكمۇ ئازابلاندۇق، چۈنكى تېررورلۇقنى ئەيىبلەش ۋە مەھەللە بىلەن ئالاقىنى ساقلاش بىز ئىزچىل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىش، ئىسلام دىنى بۇنداق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قوللىمايدۇ».
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى مانناس بازىرىغا جايلاشقان بىر مەسچىتمۇ 3-دېكابىر تەھدىت سېلىش تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغان. ئۆزىنى يەھۇدىيلار قوغدىنىش ئىتتىپاقىنىڭ ئادىمى دەۋالغان بىر كىشى تېلېفوندا، بىز ھازىر بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، ئەگەر جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىرەر يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، سىلەرنى چوقۇم پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمىز، سىلەرنىڭ ھەممە ئادىمىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز، دېگەن.
ئامېرىكا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات مۇدىرى ئىبراھىم خۇۋېر:«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان، بىز ھازىرقىدەك ئۆتكۈر بولغان مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش قىلىش مۇھىتىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. مەلۇم تەرەپلەردىن قارىغاندا، جەمئىيەتتىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئاساسىي ئېقىم ۋە نەپرەتلىنىش تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا» دېگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ياخۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىيۇيورك شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى 89- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىسى 49-نويابىر دەرس ئارىلىقىدا ئويناۋاتقاندا، ئۈچ ئوغۇل ئوقۇغۇچى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئوخشاش يىللىقتىكى ئۈچ ئوغۇل ئوقۇغۇچى مۇسۇلمان قىزنىڭ بېشىنى جەينىكى بىلەن قىسىۋالغان، بەزىلىرى ئۇنى مۇشت بىلەن ئۇرغان، يەنە بەزىلىرى مۇسۇلمان قىزنىڭ بېشىدىكى ياغلىقىنى يىرتىۋېتىشقا ئۇرۇنغان. ئۈچ نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئۇنى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئادىمى، دېگەن. يەنە كېلىپ بۇ قېتىملىق ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا پارىژدىكى 130 ئادەم قازا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگىنىگە بىر ھەپتە بولمىغان ئىدى.
جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان بېرناردىنودىكى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتىكى بىر نامازخاننىڭ دېيىشىچە، بىر قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق ئارتىشتىن بەكلا قورقىدىغان بولۇپ قالىغانلىقىنى، ئامېرىكىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئېيتقان.
ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋىتى ئۇيۇشمىسىنىڭ بايانات ئېلان قىلغۇچىسى كورېي سايلور:«نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلار 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە تېررورچىلارنىڭ ئايروپىلاننى دۇنيا سودا مەركىزىگە سوققانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشكە باشلىغان. يەنە كېلىپ يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ ئىسلام دىنى توغرۇلۇق بەرگەن خەۋىرىنىڭ ھەممىسى سەلبىي خەۋەرلەر، دېگەن. ئۇ يەنە:«مەكتەپ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى تەشۋىق قىلىش، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك» دېگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved