ئىسلام ئەسەبىيلىكى قانداق تەرەققىي قىلغان؟

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۈمىدۋارلىق بىلەن بېن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن، بازا تەشكىلاتى قايتا مەۋجۇت بولالمايدۇ دەپ قارىغان ئىدى. ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بارلىق ئۈمىدۋارلىققا قارا كۆلەڭگە تاشلىدى. ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى ئامېرىكىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. 18-ئىيۇن ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇپ، ئامېرىكىدىن ئىراق تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم بۇنىڭ ئارقىسىدا زور كۈچكە ئايلانغان ئىسلام ئەسەبىيلىكى بار دېدى.


ئىراق كىرىزىسى شۇنىڭغا باغلىقكى، ئاران 800 قوراللىق ئۇنسۇر 30 مىڭ كىشىلىك ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى، بۇنداق ھەيۋە ئالدىدا، ئىراق ھۆكۈمىتى ئامالسىز ئامېرىكىدىن ئاۋىياماتكا ۋە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


ئامېرىكا بېن لادىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ كۈنلىرى ئاخىرلاشتى دەپ قارىغان ئىدى، لېكىن بۇ تەشكىلات داۋاملىق كېڭەيدى ھەم كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئالجىرىيەدە، ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتى نەچچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2013-يىلى 1-ئايدا بىر كۆمۈر گازى زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 35 تۇتقۇننىڭ جېنىغا زامىن بولدى. سومالى ياشلار پارتىيەسى بۇ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى كونترول قىلىۋېلىپ، پايتەختنى قايتىدىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى.


مالىدا، 2012-يىلى ئىسلام مەدەتچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى مالىنىڭ پۈتكۈل شىمالىنى بېسىۋالدى، فىرانسىيە ئارمىيەسى ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن ئىسلام ئەقىدىسىنى قوللىغۇچىلار تەشكىلاتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن كۈچلەر يەنە لىۋىيەدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۆت ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

 

لىۋىيە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يېقىندا نامى چىققان ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن سۇرىيە خەلقىنى قوللايدىغان غازاتچىلار سۇرىيەنىڭ شىمالىنى ئىگىلىۋالدى. لىۋاندا، ئابدۇللا ئەزەم بىلەن ئىراق ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ماشىنا بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىدى دەپ ئەيىبلەندى.


ئالىملار مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئىسلام ئەسەبىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئەۋج ئالغان ئىسلام گۈللىنىش ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بار. ئىسلام دىنى-كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە دۇنياۋى دىن، پۈتۈن دۇنيادا بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دۇنياسىدىمۇ پان ئىسلام ئىتتىپاق ئېڭى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولدى، بۇنىڭ بەزىلىرى ئىسلام ئەسەبىيلىكىگە ئايلىنىپ كەتتى.


ئىسلام ئەسەبىيلىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا يەر شارىدا كېڭىيىپ كېتىشىنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە خەلقىنى قوللايدىغان غازاتچىلار فىرونتى، سۇرىيە شام-لېۋانت ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتلارغا ئاستىرتتىن نۇرغۇن مەبلەغ ياردەم قىلىشىغا سەل قارىدى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا غەرب ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىن يېڭى غازاتچىلارنى قوبۇل قىلىشى، ھەتتا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى تۇرىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ كېتىشىگە سەل قارىدى. ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتىگە ئوخشاش نۇرغۇن تەشكىلاتلارنى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ بايلىقىغا ئىگە قىلىپ، تېزدىن ئىككى دۆلەت ھالقىغان ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.


يەنە بىر ئاساسلىق ئامىل شۇكى، ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈپ قويدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: كىچىك بۇش تەختكە چىققاندىن كېيىن، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى، بۇنىڭ مەقسىتى-ئىسلام سۈننىي مەزھىپى ئەسلىيەتچى كۈچلىرىنى يوقىتىش بولماستىن، بەلكى بۇ كۈچنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىش ئىدى، 2007-يىلىدىن تارتىپ، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تاكتىكىسىنى تەڭشەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى دۈشمەنلەشكەن دۆلەتلەرنى تىزگىنلەشكە قارىتىپ، ئاخىرىدا يولۋاسنى بېقىپ ئۆزى بالاغا قالدى.

 

بەزى تەھلىلچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان سىياسىتى-بەزى ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ پارتىيە سايلىمىدىن ئىبارەت زوراۋانسىز يول ئارقىلىق، سىياسىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئەسەبىي كۈچلەر قايتىدىن ئەرەب دۇنياسى ياكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داۋاملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن ئىبارەت كونا يولنى تاللىدى.
ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى قايتا-قايتا قوزغاش ئارقىلىق، ئامېرىكىلىقلارنى ئوتتۇرا شەرقتىن قوغلىيالايدىغانلىقىغا، ئامېرىكىنى ۋەيران قىلىپ، ياۋروپانى قورقۇتالايدىغانلىقىغا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ساپلىقى ۋە تەقۋالىقىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.


بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بالدۇرلا ئىراقتىن چېكىنىپ چىقتى، جايلاردىكى غازاتچىلار ئامېرىكا ئەسەبىيلەرگە تىز پۈكتى، بىز ئەمدى تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قوزغىساق بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى.


تېخىمۇ چاتاق بولغىنى شۇكى، ئەگەر ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىسا، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، چۈنكى بۇ ئىش-مىسىر، ئىران، ئىيوردانىيە، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇرىيە، تۈركىيەنىمۇ سۆرەپ كىرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
23-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
Powered by Leglek