كۆپ يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش دەرىجىسى ئېغىرلاپ مەملىكەت ئىچىدە تارقىلىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان رايونلار قاتارىغا كىرىپ قالغان ئىدى .يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىزگە يېڭى بىر خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى .
11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئەيدىر كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان. جىنسىي ساغلاملىق تەشۋىقاتى ئاساسىي تەشۋىقات شەكىلى بولغان بولۇپ ئەرلەر ئۆز-ئارا ئۇچىرىشىپ يۇقۇملاندۇرغۇچىلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولغان.
يىغىندا ئاشكارلىنىشىچە، شىنجاڭ 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى دوكىلات قىلغاندىن 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، جۇغلانما دوكىلاتتا، پۈتۈن 94 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارىنىڭ سانى 43533 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 8102 كىشى قازا قىلغان. نۆۋەتتە ھايات يۇقۇملانغۇچى 27373 بولۇپ، بىمار 8058 كەن. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنىس پەرق نىسبىتى بويىچە 1.4:1 بولغان.
جىنسىي ساغلاملىق تەشۋىقاتى ئۇكۇل ئۇرۇپ زەھەر چېكىش تەشۋىقاتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاساسلىق تەشۋىقات شەكىلىگە ئايلانغان، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېڭى بايقالغان يۇقۇملىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. 2014-يىلى 9-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونۇم رايوندا ئەيدىز كېسىلىگە دىئاگىنوز قويۇش تەجىربىخانىسىدىن 18 ى، ئەيدىز كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تەجىربىخانىسىدىن 297 سى، ( ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش تۇەنى سېستىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، CD4 تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرلىغان تەجىربىخانىدىن 62 سى، ۋىرۇس ئېلىپ يۈرۈش مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە تەجىربىخانىدىن 13 ى قۇرۇلۇپ، كېسەللىكنى كونترول قىلىش، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان پونكىتى ئاساس بولغان ئاپتونۇم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسىلى تەجىربىخانا خىزمەت تورى شەكىللەندۈرگەن، ئوخشاشلا پۈتۈن ئاپتونۇم رايوندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى« بالدۇر بايقاش، بالدۇر باشقۇرۇش ۋە بالدۇر داۋالاش» قا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، زەھەر چەككۈچى، يوشۇرۇن پاھىشىۋازلىق قىلغۇچى، جىنسىي كېسەللىك بىمارى، ئەرلەر ئارا ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن 99، ئۆزى خالاپ مەسلىھەت سوراپ تەكشۈرۈش ئامبولاتورىيەسىدىن 485 نى قۇرغان.
ئەڭ يۇقىرى چەكتە يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاش ئۈچۈن، ئاپتونۇم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى دوختورخانا سەھيە ئورگانلىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغۇچى بىمارلارغا قارىتا 100% لىك ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، «ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم تەكشۈرۈش» ۋە مۇھىم نۇقتىلاردا «نىكاھ مەزگىلى چوقۇم تەكشۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويغان. يوشۇرۇن خەۋىپلىك كىشلەر توپى مۇداپىئە خىزمىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) لاردا جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپلىك كىشلەر توپىنىڭ كىشلەر ئارىسىدا كېسەللىك تارقىتىشىنى ئالدىنى ئېلىپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved