ياپونىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ ،ئەمەلىيەتتە ياپونىيىدە ئىچكى زىددىيەت بارغانسېرى روشەنلىشىپ كەتمەكتە ،ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ خام چوت كومىتېتى 28-ماي كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەركەزلىك قاراپ چىقىدۇ ،باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىمۇ قاتنىشىدۇ ئەمما 26-مايدىن باشلاپ ياپونىيىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر پارلامىنىتتا شىنزۇ ئابى ئىچكى كابىنتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى پىكىر بەردى ،ياپونىيىدىكى بىر ئۇنۋېرستىتنىڭ پەخرى پىرافىسورى كوباياشى:‹ ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسى چەتئەلدە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلمىگەن ،كولېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ئېنىقلا ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ،ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ھېچقانداق ئىمكانىيەت يوق .
ئىچكى كابىنتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بىۋاستە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى قانۇنغا خىلاپ ،ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسى ۋە ئۇنى تۈزىتىشتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە قارىغاندىمۇ ئۇنىڭدا مەخسۇس قوغدىنىش تەكىتلەنگەن ،قوغدىنىش ئەترىتىنى سىرىتقا چىقارماسلىق چەكلەنگەن ›دېدى . يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر 60يىلدا بارلىققا كەلگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىنى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس بۇنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش كېرەك دېدى .مۇتەخەسسىسلەر قارشى تۇرغاندىن باشقا ياپونىيىدىكى كۆپ ساندىكى ئاممىمۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى ،ياپونىيە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ،ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرىدىغانلار 55%كە يەتكەن ، يەنە 15% ئامما زىيارەت جەريانىدا ئېنىق پىكىر بەرمىگەن ،قوللايدىغانلار 30% كىمۇ يەتمىگەن .
ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ تېلېفون زىيارىتىدە 29% ئادەم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ،55% ئادەم بۇنىڭغا قارشى تۇرغان ،ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا قانۇن بويىچە تۈزىتىش كىرگۈزمەي بىۋاستە ئىچكى كابىنتىنىڭ ھۆكۈمى ئارقىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۇسۇلى مۇۋاپىقمۇ دېگەن بۇ تاللاشنى ئاران 185 ئادەم قوللىغان .بۇ ئۇسۇلنى مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قارىغانلارنىڭ نىسبىتى 67% كە يەتكەن .شىنزۇ ئابى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللايدىغانلارنىڭ 50%تى ئىچكى كابىنتىنىڭ ھۆكمى بىلەنلا ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەسلىك كېرەك دەپ قارىغان .
شىنزۇ ئابى 15-ماي ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى ياپونىيىنىڭ ھەيۋىسىنى ئۆستۈرۈپ ،تالاش تارتىشىنى توختىتىپ ، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قېلىش خەتىرىنى ئازايتىدۇ دېدى .لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،كۆپ قىسىم ياپونىيلىك بۇنداق قارىمىغان .50% ئامما كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ياپونىيىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ، تېخىمۇ تالاش تارتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىشكەن . ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولىۋاتقان شىنزۇ ئابىغا دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىقلار ناھايىتى ئايان ، ياپونىيە كىيودۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىدە ،شىنزۇ ئابى يېقىندا ئامېرىكا ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ،كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى ئامما ئوڭايلىقچە چۈشەنمەي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ،لېكىن خەلقنىڭ ساداسى شىنزۇ ئابى ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس ،بۇ سادالار ھەم ئۇنى كۆپ يىلدىن بۇيانقى ئوڭچىل مىللىتارىزىملىق چۈشىدىن ئويغىتالمايدۇ ،بۇنداق تەھلىلگە قانداق ئېرىشتۇق دېگەندە ،بىز شىنزۇ ئابىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ باقساقلا بولىدۇ ،ئۇ پارلامىنىتتا ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ،كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ قانۇننىڭ نۇقتىسىدىن مىلىتارىزمنى ئويغاتماقچى بولىۋاتىدۇ .
يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۋاتىدۇ ،ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن ئارال تارتىۋېلىش مانىۋېرى يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملىشىپ 27-ماي ئاياغلاشتى .بۇ ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىللە ئۆتكۈزگەن ،مانېۋېر ئەمەس بەلكى ياپونىيە ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن ئارال تارتىۋېلىش مانىۋېرى بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى .
ياپونىيە كيودو ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،قوغدىنىش .ئەترىتىنىڭ بۇ قېتىمقى دېڭىز ھاۋا قۇرۇقلۇق ئارميلىرى بىرلەشمە مانىۋېرى 10-مايدىن 27-مايغىچە ئۆتكۈزۈلگەن .ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى مەشىقنىڭ قىسمەن ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى ،ئادەمسىز ئارال شىتاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ،قۇرۇقلۇقتا قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ 50 ئەزاسى رېزېنكە قولۋاق بىلەن ئادەمسىز .ئارالغا يېقىنلىشىپ ،قۇرۇقلۇققا چىقتى ،شۇنىڭدەك پاراخوتتىن مۇداپىئە كۆرىدىغان زىۋىس ناملىق پاراىوت ،مىنا تازىلاش پاراخوتى قاتارلىق بىر نەچچە پاراىوت ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشىق قىلدى .
بۇ قېتىمقى مانېۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى كۆلىمى چوڭ ،مانېۋىرغا قوغدىنىش .ئەترىتىدىن 1300 دىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشتى ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇقتا قوغدىنىش ئەترىتىدىن 500 نەچچە ، دېڭىزدا قوغدىنىش ئەترىتىدىن 820 ،ئاۋىئاتسىيە قوغدىنىش ئەترىتىدىن تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم بار ،بۇرۇن ئارال تارتىۋېلىش مانىۋېرىدا ئادەم سانى كۆپ ئەمەس بۇلۇپ ، بەزىدە ھەتتا 100گىمۇ يەتمىگەن ئىدى ،بۇ ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن ئارال تارتىۋېلىش مانىۋېرى بۇلۇپ ،ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئۇنۋېرسال باش مەسلەتچىىى بۇنىڭدىن كېيىن قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ مەشىقىدە ئارال سۇ ئاستى خادا تاشلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ دېدى .
ئارال خادا تاشلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ مۇھىم فۇنكىسىيلىرىنىڭ بىرى .بۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى مانېۋرنىڭ ئورنىمۇ ئالاھىدىرەك .ياپونىيە تېلېۋىزيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، مانېۋېر ئۆتكۈزۈلگەن تاقىم ئارال جۇڭگونىڭ سۇ تەۋەلىكىگە ئەڭ يېقىن ئادەمسىز ئارال ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved