ئامېرىكىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئايىغى قاچان ئۈزۈلىدۇ ؟

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىنقى بىر ئىككى ئايدىن بۇيان ئامېرىكا ئىچكى ۋەزىيىتى ئىزچىل تىنىچلانماي كەلدى .ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئاق تەنلىك ساقچىنىڭ قارا تەنلىك پۇقرانى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ۋە بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ئېرىقى كەمسىتىش مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇش ۋە ساقچىلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى .ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى بۇ نامايىش ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ ئايىغى قاچان تۈگەيدۇ ؟ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زور تۈركۈمدىكى نامايىش قىلغۇچىلار بۇنىڭ ئالدىدا نيۇيورك كوچىلىرىغا توپلىشىۋېلىپ، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى ۋە ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرغان.

بۇ ئىش بۇلۇپ دەپ بىر ھەپتە كىيىن، نيۇيورك شەھىرىدىكى ئىككى نەپەر ساقچى باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. ئۇنداقتا بۇ ساقچىلارنىڭ ئۆلۈمى بىر داس سۇغۇق سۇغا ئوخشاش نامايىشچى ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى باسالامدۇ يوق؟نيۇيورك شەھىرىدىكى پارلامىنېت ئەزاسى ۋىليامس مۇنداق دېدى: ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر قارا تەنلىك ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشى بىزنى ناھايىتى ئازاپلاندۇردى. بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز ساقچىلار ئەمەس بەلكى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشى ئىدى.

بىر قىسىم نامايىش قىلغۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: نامايىش ھەرىكەتلىرىنى ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالماسلىق كېرەك،دېدى. مىسسۇرى شتاتىدىكى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ رەھبىرى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نەچچە مىليونلىغان خەلق ئاممىسى ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋانسىز ئۇسۇل بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، بۇ ئامېرىكا دىموكراتىيسىنىڭ نامايەندىسى. ساقچىنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىشلىق قارا تەنلىك ئىلگىرى قىز دوستىنى ئېتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان، ھەمدە ئەسەبىي ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. شۇڭلاشقا نامايىش ھەرىكىتىنى ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالماسلىق كېرەك.بەزى نامايىشچىلار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىرقى كەمسىتىش بىلەن پارتلىغان نارازىلىق كەيپىياتى ئاسانلىقچە يۇقىمايدۇ، نامايىشچىلار ئاسانلىقچە ھۆكۈمەتكە يول قويمايدۇ.

لېكىن بەزى نامايىش قىلغۇچى رەھبەرلىرىنىڭ پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى. بەزى تەشكىلاتلار ئەسلىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر قارا تەنلىك ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان نامايىش ھەرىكەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ئەكسىچە بىرۇكلىنغا يىغىلىپ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن نيۇيورك ساقچىلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردىى .نيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بىئىر دىبۇلاشىئوۋ 22-چېسلا نىيويوركتا ئىككى نەپەر قۇربان بولغان ساقچىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشغا قارشى نامايىش ھەرىكەتلىرى ۋە مۇنازىرىلەرنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بۇ ئازابلىق ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە مۇراجىئەت قىلدى.

20-چېسلا چۈشتىن كىيىن، نىيويوركتىكى ئىككى نەپەر ساقچى چارلاش ماشىنىسى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا 28 ياشلىق ئافرىقىلىق ئەر بۇلىنسىلى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئىككى نەپەر ساقچىنى ئېتىۋېتىشتىن بۇرۇن قاتىل بۇلىنسىلى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇق-ئاشكارە ھالدا خەت قالدۇرۇپ، ساقچىلار قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۆلۈپ كەتكەن نىيويوركتىكى قارا تەنلىك جانا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدىم، دېگەن. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بۇلىنسىلىنىڭ كەيپىياتى بىنورمال بۇلۇپ، ئىلگىرى ئاز دېگەندىمۇ 19 قېتىملىق قولغا ئېلىنغان خاتىرىسى بار ئىكەن.ئامېرىكىلىق ساقچىنىڭ قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئكلتۈرۈش ۋەقەسى ۋە يەنە بىر ئاق تەنلىك ساقچىنىڭ قارا تەنلىك كىشىنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسىدىن كېيىن ،ئامېرىكا ۋاشىنگىتون چىكاگو قاتارلىق جايلاردا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان داۋاملىق زور كۆلەمدە نامايىش يۈز بېرىپ،ئېرىقى كەمستىىش ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ئېتراز بىلدۈرۈلدى .


ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ ئېتىراز بىلدۈردى .فېرگوسۇندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مايكېل بىروۋىن ۋە ئېرىي كانانىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى شۇ كۈنى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ،ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ‹تىنالماي قالدىم ›دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ئىش بېجىرىشىگە قارشى تۇرايلى دېگەندەك شۇئارلارنى ئۈنلۈك توۋلاپ ،ئاق ساراي بىلەن پارلامىنېت بىناسى ئارىلىقىدىكى كوچىدا نامايىش قىلىدى .نيۇيوركتا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى شۇ كۈنى مانخاتتون كوچىسىغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشىگە قاتناشتى .چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە نامايىشچىلار يولغا چىقىپ مانخاتتون ئوتتۇرا شەھەرچىسىگە قاراپ ماڭدى ،يول بويى يېڭى نامايىشچىلار قوشۇلۇپ تۇردى .ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر قوشۇنى تەخمىنەن بىر يېرىم كىلومېتىرچە سوزۇلدى ،بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە مىڭ كىشى ۋاشىنگىتون مەيدانىدىن نامايىش قىلىپ چىقىپ نيۇيورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە قاراپ ماڭدى ،ھەمدە ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا تۈنەش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى بولدى ،نۇرغۇن ئاق تەنلىكلەرمۇ نامايىشقا قاتناشتى ،بۇلاردىن سىرت چىكاگو ۋە خىيوستونلاردىمۇ شۇ كۈنى زور كۆلەملىك نامايىش بولدى .

فېرگوسۇن ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر زاستاتىللار ئۆمىكىنىڭ بىر قارا تەنلىك ئەرنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچىنى ئەيىبلىمەسلىكنى جاكارلىشى ئامېرىكىدا پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش دولقۇنىنى قوزغىدى .ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى شۇ يەر ۋاقتى 7- دېكابىر نيۇيورك ساقچىلىرىنىڭ نامايىشقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى .نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى دابراتىئو 7-دېكابىر يېقىنقى نامايىش دولقۇنىغا قارىتا ساقچى تەرەپنىڭ دانا جانلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللانغانلىقى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ياردىمى بارلىقىنى بىلدۈردى .

ئۇ مۇنداق دېدى :‹ شەھىرىمىز بىر قەدەر تىنىچ مېنىڭچە نيۇيورك ساقچىلىرى بۇ جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ،گەرچە نامايىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر قانچە كۈن بولغان بولسىمۇ بۇ بىر قاتار نامايىشلارنىڭ ھەممىسى تىنىچ ئېلىپ بېرىلدى ،ساقچىلار دانا جانلىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن شەھىرىمىز ھېلىھەم تىنىچ ›.بۇ يىل ئاق تەنلىك ساقچى پانتالىئۇ قانۇنسىز تاماكا سېتىۋاتقان گانانى تۇتقاندا ئۇنىڭ كېكىردىكىنى سىقىپ يىقىتقان ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .نيۇيورك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر زاستاتىللار ئۆمىكى 3-دېكابىر بېلەت تاشلاپ پانتالىئوننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى .مەزكۇر ھۆكۈمەت نيۇيوركتىىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى .ۋاشىنگىتون چىكاگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەرلەردە كچىك كۆلەمدە نامايىش بولدى

شۇ يەر ۋاقتى 6-دېكابىر ساقچىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان پۇقرالارغا چەكتىن ئاشۇرۇپ قورال ئىشلىتىش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى نيۇيورك قاتارلىق جايلاردا داۋاملاشتى . يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ،ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئېرىق ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئېرىق خاراكتېرىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى يېتەكچى لايىھە يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن .نيۇيورك شەھىرىدە نەچچە كۈن داۋاملاشقان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىنىچ ھەم تەرتىپلىك بولدى ،لېكىن كالىفورنىيە شتاتىنىڭ بىر شەھىرىدە تىنىچ نامايىش 6-دېكابىر كېچىدە مالىمانچىلىققا ئۆزگەردى ،ساقچى دائىرلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ كىشىلەر توپىنى تارقاقلاشتۇردى .ۋە ئون ئۈچ ئادەمنى قولغا ئالدى ،سىئاتىلدىمۇ يەتتە ئادەم ساقچىلارغا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىپ تەرتىپنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى .كەينى كەينىدىن يۈز بەرگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە تالاش تارتىش قوزغىغان ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىغا چەكتىن ئاشۇرۇپ قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا كەينى -كەينىدىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلىدى .ئەدلىيە مىنىستىرى ھود بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يېقىندا ئېلان قىلىغان ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئېرىق ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئېرىق خاراكتېرىنى چەكلەشنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭىى يېتەكچى لاھىيەنىڭ ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى .نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 6-دېكابىر بىر قانچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بۇ بەلگىلىمىسىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى .لېكىن خەۋەردە يەنە ئايروپورت تاموژنا تەكشۈرۈش ،كۆچمەنلەر تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكى ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق دىلولاردا بۇ يېتەكچى لاھىيىدە بويسۇنمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم ئوخشاش دېلو بار بۇلۇپ ،بۇ دەل ئاق تەنلىك ساقچى ۋېلسوننىڭ بىر قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئكلتۈرۈش دىلوسى .فىرگوسۇندىكى نامايىش شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28- كۈنى كەچكىچە داۋام قىلغان ئىدى شۇ كۈنى .يەنە ئون نەپەر نامايىش قىلغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسسۇرى شىتاتىتىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش خامچوتى يېتىشمىگەنلىكتىن مەزكۇر شتاب باشلىقى فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشقا زۆرۈر بولغان خىراجەتنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى .28- نويابىر كەچتە فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ تەخمىنەن يۈزگە يەتتى ،ساقچىلار رەتكە تىزىلىپ مۇداپىئىلەندى ۋە ئون نەچچە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنى قولغا ئالدى .

نەق مەيداندىكى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ساقچىلارنىڭ تەرتىپ ساقلىشىغا ياردەم بەردى .ساقچى تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە فېرگوسۇن رايونىدا ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر كوچىلارغا چىقىشى فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىق يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن .مىسسۇرى شتات باشلىقى ئىشخانىسى 28- نويابىر كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ شتات باشلىقىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر شتاتنىڭ ھەر قايسى قانۇن تۇرغۇزۇش ئورۇنلىرىدىكى ئەمەلدارلارغا جىددىي تېلېفون قىلىپ جىددىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى ئېچىپ فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشقا زۆرۈر بولغان ھالقىلىق مەبلەغنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى .

ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە مەزكۇر مالىيە ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش خامچوتى 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرى شتاتنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىگە 30 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى شتاتنىڭ ھەر قايسى ساقچى قىسىملىرىغا ئاجرىتىلىپ بېرىلىدىكەن .گەرچە بۇ خامچوت راسخوتىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى 2014- يىلى 1- ئىيۇلدىن 2015- يىلى 30- ئىيۇنغىچە بولغان بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىي چىقىم مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەچكە ،بۇ بىر قاتار خامچوت راسخوتى تۈگەش ئالدىدا ئىكەن .خەۋەردە فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشقا يەنە قانچىلىك راسخوت كېتىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىدى .ئامېرىكىنىڭ فېرگوسۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان قارا تەنلىك ياش بىروۋىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىكى ساقچى ۋىلسون شۇ جاي ۋاقتى 29- نويابىر خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى .

ۋىلسون بىر پارچە ئاشكارا خېتىدە ئۆزى داۋاملىق خىزمەت ئىشلىسە خىزمەتداشلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىنىڭ خەتەرگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى .ۋېلسۇن ئۆزىنىڭ داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ لېكىن خىزمەتداشلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقى ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بۇلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ۋىلسون يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا بۇنىڭ ناھايىتى تەستە چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكى ،لېكىن بۇ قارارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى .ۋاھالەنكى ۋېلسوننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى فېرگوسۇن شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تىنچىلاندۇرالامدۇ ؟بۇنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ .

ئامېرىكا مىسسۇرى شتاتىنىڭ بىر زاستاتىللار ئۆمىكى فېرگوسۇن رايونىدىكى قارا تەنلىك ياشنى ئېتىۋەتكەن ئاق تەنلىك ساقچىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغاندىن كېيىن ،ئامېرىكىنىڭ 170 نەچچە شەھىرىدە ئىلگىرى كېيىن نامايىش بۇلۇپ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور نامايىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .


ۋېلسوننىڭ ئادۇۋكاتى ۋېلسوننىڭ فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ كېتىپ ئۆزى سۆيىدىغان ساقچى كەسپىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى .


قارا تەنلىك ياشنى ئېتىۋەتكەن ياش ساقچى ۋېلسوننىڭ ئادۇۋكاتى 27-نويابىر زىيارەت قىلىنغاندا مائاشلىق دەم ئېلىۋاتقان ۋېلسوننىڭ ھۆكۈم نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىدىن دوستانە شەكىلدە چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى نۆۋەتتە پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى .ئادۇۋكاتنىڭ ئېيتىشىچە ۋېلسوننىڭ ئۆلگۈچى ياشنىڭ ئاتا -ئانىلىرىغا ئۆزرە خاھلىق ئېيتىش خىيالى يوق ئىكەن ،ئۇ مەن قانچىلىك سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغان ھالەتتىمۇ ئۇلار مېنى ئەپۇ قىلمايدۇ دېگەن .ۋىلسون 25- نويابىر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ئاشكارلىغاندا بۈيۈك زاستاتىللار ئۆمىكىنىڭ ئاخىرقى قارارى چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا ۋەھىمە ئىچىدە ياشىغانلىقى ،لېكىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتمىغانلىقىنى بىلدۈردى .بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن ۋېلسوننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان ،يېقىنقى ئالتە ئايدا فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت ئېلىپ كەلگەن .

ۋىلسون بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكى بۇ ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش شۇنداقلا كەسىپداشلىرىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى  ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .شۇ كۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋىننىڭ ئاتا -ئانىسى ئامېرىكا ئاممىۋىي رادىئو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئاق تەنلىك ساقچى ۋېلسوننىڭ مەزكۇر دېلوغا ئالاقىدار گۇۋاھلىق سۆزىگە باھا بەردى .ئۇلار ئۆزىنىڭ .ئوغلىنى ئوبدان چۈشىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن ھەر قانداق كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ،ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئوغلىنىڭ ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .مايكېل بىروۋىننىڭ ئاتا -ئانىسى يەنە ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۆزلىرى زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىك ،فېرگوسۇن ساقچى دائىرلىرىنىڭ ھەتتا بىرەر ئادەمنى ئەۋەتىپ ئۇلاردىن ھال سوراپمۇ قويمىغانلىقىنى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى پۈتكۈل ۋەقەنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋال ساقچى ۋېلسونمۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ بۇ قارا تەنلىك ياشنىڭ دېلو يۈز بەرگەندە ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى يەنە تېخى يۈزىگە ئىككى مۇش سالغانلىقىنى ئېيتتى .ئامېرىكا مىسسورى شتاتى سان لۇئىس ناھىيسىىنڭ زوڭ زاستاتىللار ئۆمىكى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى ۋېلسوننى ئەيىبلەشنى بىكار قىلدى .بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا كەينى كەينىدىن قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان مىننەتدارلىق بايرىمى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان چوڭ پائالىيىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى .


27-نويابىر ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى ،كۆپلىگەن ئامما مىننەتدارلىق بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا ،بولۇپمۇ بايرامدىن كېيىنكى قارا جۈمەدە باھاسى چۈشۈرۈلگەن تاۋارلارنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ ،ئەمما فىرگوسۇندىكى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ يىل ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى تىنىچ ئۆتمىدى .ھەر قايسى جايلاردا نامايىشلار داۋاملاشتى ،نيۇيورك مانخاتوندا ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشتىمۇ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سىماسى پەيدا بولدى ،قىسمەن ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى ،نەق مەيدان مالىمانچىلىققا پاتتى ،نامايىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقاندىن باشقا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا پۈتكۈل مەملىكەت دائىرىسىدە قارا جۈمە باھا چۈشۈرۈپ سېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ پەتىۋا چىقاردى .


نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەت كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بۇلۇپ ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق شەخىسلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى .ئىستاستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە گەرچە ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئورنى ئاق تەنلىكلەرگە يەتمىسىمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىكەن ،ئەمما ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار 2013-يىلى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سېتىۋېلىش كۈچىنى نامايان قىلغان ،قارا جۈمە باھا چۈشۈرۈپ سېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكا .ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى ئىستىمال ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن .ئۇلار قارا جۈمە باھا چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيىتى كۈنىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئىستىمالىنى تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈپ بىر خىل سۈكۈتتە تۇرۇش شەكلى ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن .ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتى ساينىت لۇئىس ناھىيەسىدىكى چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ كېسىمى بۇ قېتىمقى فېرگۇسوندىكى مالىمانچىلىقنىڭ بىۋاسىتە ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى. چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرگەن ۋە ئەمەلىي بۇيۇم ھەم ئىسپاتلارنى تەكشۈرگەن، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ياش مايكىل بروۋىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى داررېن ۋىلسوننى ئەيىبلىمەسلىكنى بېكىتتى. فېرگۇسوندىكى نۇرغۇن ئامما ۋىلسوننى ئەيىبلىمەسلىك قارارى ئەدلىيە ناھەقچىلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى دەپ قاراپ، بۇنىڭدا ئىرقىي كەمسىتىش بار دەپ گۇمانلاندى،

بۇنىڭ بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈش تېزدىن كېڭىيىپ مالىمانچىلىققا ئايلاندى.بۇ قېتىمقى مالىمانچىلىق 8-ئاينىڭ بېشىدا بروۋىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان مالىمانچىلىقتىنمۇ ئېغىر بولدى، فېرگۇسون ئاممىسىنىڭ غەزەپلىنىشىدە، چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە رېئال سەۋەب بار. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فېرگۇسون تارىختا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىكەن.نۆۋەتتە قارا تەنلىكلەر فېرگۇسون نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى، ئاق تەنلىكلەر ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئاق تەنلىكلەر شۇ جاينىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن ئىجرا، مائارىپ قاتارلىق ئورگانلىرىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: فېرگۇسون شەھەرلىك ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ ئالتە ئەزاسىنىڭ ئاران بىرسى قارا تەنلىك ئىكەن، ساقچى ئىدارىسىدىكى 53 ساقچىنىڭ ئاران ئۈچى قارا تەنلىك ئىكەن، باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق ئامما بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقە باغلىشى تەسكە توختىغان. بۇندىن باشقا، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن، %22 ئادەمنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىقتىن سىزىقىدىن تۆۋەن، باي-نامراتلىق پەرقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن، بۇمۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە ناھايىتى سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىكەن

30-نويابىر يەنە بىر تۈركۈم باشقا يەردىكى نامايىشچىلار فېرگوسۇن شەھىرىگە كەلگەن ئىدى ،بۇنىڭ بىلەن ناميىشچىلارنىڭ سانى مىننەتدارلىقى بايرىمى كۈندىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى ،ساقچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە فېرگوسۇن شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۇپ نامايىشچىلار كوچىلارغا چىقىشى ،قالايمىقانچىلىق يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن .بۇ يىل 9- نويابىر بىروۋىن قورال ئېلىپ يۈرمىگەن ئەھۋالدا فېرگوسۇن ساقچىسى ئۇنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .بۇ ئىش شۇ يەر ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاممىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئايلانغان ..ئامېرىكا مىسسۇرى شتاتىنىڭ يەرلىك زاستاتىللار ئۆمىكى 24- نويابىر ۋېلسوننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قايتىدىن مالىمانچىلىق يۈز بەردى .امېرىكا كۆچمەنلەردىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتتىكى دۆلەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىرقى كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ جەريانى ئۇزۇن. 1619-يىلى 1-تۈركۈمدىكى ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەر يېڭى قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىنگەندىن باشلاپ، قارا تەنلىكلەر قۇل سۈپىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ئامېرىكىدا كەمسىتىشكە ئۇچراپ قۇل بولۇپ كەلدى. گەرچە 1865-يىلى ئامېرىكا فىدىراتسىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 13-تۈزىتىلمە لايىھىسىدە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما قۇللۇق تۈزۈم بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي يوقىمىدى. ئامېرىكىنىڭ مىسسىپى شتاتى 1995-يىلى 3-ئايدىلا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، ئامېرىكىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان ئەڭ ئاخىرقى شتاتقا ئايلاندى

.

  قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قانۇنلۇق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. ئامېرىكىدا بەزى جايلاردا قانۇندا ھەتتا قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس، رېستۇران قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئايرىم تۇرۇشى، قارا تەنلىكلەر چوقۇم ئاق تەنلىكلەرگە ئورۇن بېرىشى كېرەك دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. 1964-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتتا «خەلق ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللاپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىرقى ئايرىمىچىلىق ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش مەنئىي قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قارا تەنلىكلەرگە قانۇن مەنىسىدىن باراۋەرلىك ھوقۇقىنى بەردى.ئىلگىرى ئۇزاق مۈددەت قانۇنلۇق مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان قۇللۇق تۈزۈم ۋە ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەر يەنىلا جەمئىيەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق جايىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەتتا 2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ لوئىسئەننا شتاتىدا بىر ئاق تەنلىك ئايال شوپۇرنىڭ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىغا ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىغا ئورۇن بېرىشقا مەجبۇرلاشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن. گەرچە بۇ شوپۇر خىزمەتتىن توختىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ «ئىرقى ئايرىمىچىلىق» ئېڭىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا يەنىلا بازىرى بار ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك چۈشەندۈرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەر يەنە بىر خىل ئادىللىق يېتەرسىز بولۇشتەك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سېستىمىسىدا ياشىماقتا. ساقچىلار زوراۋانلىق كۈچىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۈز يەتكۈزمەكتە. قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئالدىغا جازالاش، جىنايەت ئويدۇرۇش، قانۇنسىز مەجبۇرىي قولغا ئېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر تېخى تۈگىمىدى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئامېرىكىدا نەچچە ئون قېتىم ئىرقى كەمسىتىش سەۋەبىدىن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش كۆرىشى يۈز بەردى. بۇ ئېتىراز بىلدۈرۈش كۆرىشىنىڭ پىلتىسى بەلكىم ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى ياكى ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى ۋە ياكى ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل بولماسلىقىدىن بولىشى مۈمكىن.يېرىم ئەسىردىن بۇيان، توختىماي كۆرەش قىلىش ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا، مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىدا بەلگىلىك ياخشىلىنىش بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ نىكاھلىنىشىمۇ بارغانسېرى جەمئىيەت تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنشقا باشلىدى. ئىرقىزىمغا ئالاقىدار گەپ سۆزلەرمۇ كەڭ دائىرىدە مەنئىي قىلىندى. ئامېرىكا ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

  ئەمما، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاز سانلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار ئامېرىكىدا يەنىلا ئاجىز ئامما، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئەمگەك كۈچى بازىرىدا، ئاق تەنلىك خوجايىنلار تۈرلۈك بانالارنى تېپىپ ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ خىزمەت تەلىپىنى رەت قىلدى. ئىرقى كەمسىتىش ئېڭى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، قارا تەنلىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئامېرىكىدا باشتىن ئاخىرى 2-دەرىجىلىك پۇقرا، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەردە كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۈت. مەسىلەن فېرگوسۇن رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ %70 ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن، ئەمما بۇ رايوندىكى مەمۇرىي، ئەدىلىيە، مائارىپ قاتارلىق ئاپپاراتلاردا ئاق تەنلىكلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

بۇ خىل فۇرگوسون ئەھۋالى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئاز سانلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارا تەنلىكلەر ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق ئىچىدە جان تالاشماقتا، ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن قارا تەنلىكلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئۇزاق مەددەت يۇقىرى نىسبەتتە تۇرماقتا، بۇ ئەكسىچە جەمئىيەتتە ئاساسى قاتلامدا تۇرغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئاممىنى كەمسىتىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ساقايماس كېسەلنىڭ بىرى بولغان ئىرقى كەمسىتىش مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئۇزاق مۈددەتلىك سىناق. ئىرقى كەمسىتىشنى پەقەت ئىدىيە جەھەتتە تۈپتىن تۈگىتىپ، قارا تەنلىكلەر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلىغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىكلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كىچىكلەتكىلى، بۇ خىل ساقايماس كېسەلنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ

.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
25-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek