شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيرۇت، 1 – دېكابىر تېلېگراممىسى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 1 – دېكابىر لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا لىۋانغا قېچىپ بارغان 1 مىليوندىن كۆپ سۇرىيە مۇساپىرلىرى ئىچىدە ئۆسمۈرلەرنىڭ 470 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۆسمۈرنىڭ ئوقۇشتىن قالغانلىقىنى جاكارلىدى.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ 1 – دېكابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، لىۋاندىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرى ئىچىدە ئۆسمۈرلەر 470 مىڭغا يەتكەن، 386 مىڭ بالا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ھازىر ئېنىق ئىستاتىستىكا بولمىسىمۇ، بۇ سۇرىيەلىك مۇساپىر بالىلارنىڭ %50 تىن كۆپرەكى بەش ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان بالىلار بولۇپ، ئوقۇشتىن قالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved