مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 4-ئاينىڭ 4-كۈنى بەرگەن نەق مەيدان خەۋىرى
9:36 / بۈگۈن ئەتىگەن جېجىياڭ ئۆلكىسى نىڭبونىڭ جەنۇبىدىكى فېڭخۇا شەھرىدە بەش قەۋەتلىك بىر ئولتۇراق ئۆي بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، ھازىرغىچە ئۈچ ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلدى ،يەنە كۆپلىگەن ئولتۇراق ئۆي ئاھالىسى كۆمۈلۈپ قالغان .خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ ئولتۇراق ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا بەكلا .ئۇزۇن بولغان .بۇ قېتىملىق ۋەقەدە تەخمىنەن 15ئائىلە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان،ھازىر شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ،ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەڭ ھەرىكەتكە كەلدى .چوڭ ئۈسكۈنىلەرگە ئىچىگە كىرىشكە ئامالسىز بولغاچقا ،پەقەتلە قولغا تايىنىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ .
10:43 بۈگۈن ئەتىگەن جېجىياڭ ئۆلكىسى فېڭخۇا شەھرىدە بەش قەۋەتلىك بىر ئولتۇراق ئۆي بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ،شۇ سەۋەبتىن شەھەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ،پۈتۈن كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى .تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ،2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:10دا ، فېڭخۇا شەھەرلىك جىياڭدوڭ ئولتۇراق بىناسىمۇ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ،ھەمدە بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى بىر ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئويلىمىغان يەردىن فېڭخۇا شەھرىدە بۈگۈن يەنە ئولتۇراق ئۆي بىناسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ،بۇ ۋەقە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى ۋە قاتتىق ئويلىنىشقا سالدى .
10:44/خارابە ئىچىدىكى ئىككى ئادەم تېلفۇن قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى ، ئۆرۈلگەن بىنا ئۆي جەمئىي 4بۆلەك ، ئارىسىدا ئىككى بۆ لەك ئۆي پۈتۈنلەي ئۆرۈلگەن ،ھەر بىر بۆلەكتە 10بىنا ئۆي بار ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە ،خارابە ئىچىدىكى ئىككى ئادەم تېلفۇن قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان .ھازىرغىچە يارلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس ،بىر ئادەم قۇتقۇزۇپ سىرىتقا ئېلىپ چىقىلدى ،ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنىڭ دېرىزىللىرى ئېتىلمەس ھالەتكە كېلىپ قالغان بۇلۇپ ،ھازىر ئۆي بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرەىچىلەر ۋەقە سەۋەبىنى تەكشۈرۋاتىدۇ ،بۇ ئۆيلەردە ئاساسلىقى ياشانغانلار ۋە سىرىتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئولتۇرىدىكەن ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۆي ئۆرۈلۈشتىن بۇرۇنلا بىر ياشانغان كىشىى،بىنا ئۆينىڭ تەۋراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولغان ۋە ئۆي ئىچىدىكى ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى سىرىتقا ئېلىپ چىققان ، ئۇ بىنا ئىشىكىدىن چىقىپ بولىشىغىلا ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن .
ھازىرغىچە قۇتقۇزۇش ئەترىتى چوڭ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشقا سالالماي ،قو ل ئارقىلىق خىشلارنى يۆتكەپ ،كۆمۈلۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزىۋاتىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved