رۇسىيە بىلەن ئىران ۋىزا بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇردى
رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» نىڭ 25–يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ۋىزا بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېلىشىمى 2–ئاينىڭ 6– كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
2015–يىل 11–ئاينىڭ 23–كۈنى، رۇسىيە بىلەن ئىران تېھراندا ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزىدى. رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ سودا ۋەكىللىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ساياھەتچىلەر ھەمدە ئىلىم پەن، سەنئەت ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالىرى مەزكۇر كېلىشىم ئېلىپ كەلگەن قولاي شارائىتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ كېلىشىم رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved