سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى 26-ئاۋغۇست سۈرىيەنىڭ ئۈچ ئورنىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.
لىۋان مەيدان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ بولغان شام ئەركىن كىشىلەر تەشكىلاتى شۇ جاينىڭ ۋاقتى 27-ئاۋغۇست سائەت 6 دىن باشلاپ دەمەشىق يېزا ئۆلكىسىنىڭ زابدانى بىلەن ئىدرىف ئۆلكىسىنىڭ كافۇرايا ۋە فۇئادىن ئىبارەت ئۈچ رايونىدا 48 سائەت ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان.
خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش ئىككى تەرەپنىڭ زابادانىدىكى توقۇنۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىجابىي سىگنال بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. مۇش ئاينىڭ ياشلىرىدا، ئىككى تەرەپ زابادانىدا ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان، بىراق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى جاكارلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەغلۇپ بولغانلىقى جاكارلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved