ياپونىيىدىكى NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق ئىچىدىكى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى 10-20 يىل ئىچىدە ياپونيە دۆلىتىدىكى بارلىق ئىش تۈرلىرىنىڭ %49 نى ماشىنا ئادەملەر ياكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىگىلەپ كېتىدىكەن. تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ خىزمەت قىلىشى ئەمەملدىن قالامدۇ قانداق دېگەن مەسىلە نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. مەلۇم بولىشىچە، بۇ ئانالىز دوكلاتى 601 تۈرلۈك كەسىپ ۋە تېخنىكا تەرەققىيات دەرىجىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، نومۇرا ئۇنۋېرسال تەتقىقات ئورنى بىلەن ئەنگىلىيە كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىدىكى تاللا بازىرى مۇلازىملىرى، مېھمانساراي مۇلازىملىرى، قوغداش خادىملىرى، تاكسى شوپۇرلىرى، ئادەتتىكى ئىش بېجىرگۈچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 25 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئەمگەكچىلەرنىڭ %49 گە توغرا كېلىدىكەن.
ئانالىز دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوختۇرلۇق، ئوقۇتقۇچىلىق، گىرىمچىك، ساياھەت يېتەكچىسى، كىنو فىلىم رىجىسسورى، مۇزىكانت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئورنىنى ماشىنا ئادەملەر ئاسانلىقچە ئالالمايدىكەن. بۇ ئانالىز دوكلاتىدا جەمىيەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى نەزەرگە ئېلىنمىغان، تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ماشىنا ئادەملەر ئوموملاشقانسېرى، كىشىلەر كەلگۈسىدە ئش ئورنىنىڭ بار ياكى يوق بولۇشىغا ناھايتى كۆڭۈل بولىدىكەن. نومۇرا ئۇنۋېرسال تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى تېرادا چىتا مۇنداق دەيدۇ:«كەلگۈسىدە ئەمگەك كۈچلىرى داۋاملىق ئازلاپ بارىدۇ، تېخنىكىغا تايىنىپ ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، كەلگۈسىدە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ماشىنا ئادەملەر تاماملايدۇ».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved