رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن ئايرىم ئايرىم ئەنگلىيە، ئاۋىسترالىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، رۇسىيەنىڭ MH17-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە تەكشۈرۈش ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن سىياسىي بايانات ئېلان قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئالاقىدار بارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، رۇسىيە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، دېگەن.
ئاۋىسترالىيە زۇڭلىسى ئابورت بىلەن تېلېفونلاشقاندا، بۇ ئىككى رەھبەر ھەمكارلىشىپ خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنادىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە زۆرۈر شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشنى مەسىلىھەتلەشكەن.
گولاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇت بىلەن تېلېفونلاشقاندا، بۇ ئىككى رەھبەر خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا تېزراق كىرىپ مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا، بۇ ئىككى رەھبەر، بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇھىمى ئۇكرائىنادا توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە بىخەتەرلىك جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved