ۋېيتنام قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ جۇڭگوغا قارا چاپلاۋاتىدۇ

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چېگرا دېڭىز ئىشلىرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې شەنلىياڭ يەنە بىر قېتىم خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ،جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ۋېيتنام كېمىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا كاشىلا قىلغان كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلىپ ،جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئارىلىغا بولغان زىمىن ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ھەققانىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ،ھەمدە ۋيېتنامنىڭ يولسىز ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىپ ۋېيتنامدىن جۇڭگونىڭ مەشغۇلاتىغا ھەر قانداق شەكىلدە كاشىلا قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى .


يې شەنلىياڭ مۇنداق دېدى :‹3-مايدىن باشلاپ ،جۇڭگو كارخانىسىنىڭ شىشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن ئارالدا نېفىت بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان قوراللىق كېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كېمىنى ئىشقا سېلىپ جۇڭگونىڭ مەشغۇلاتىغا قانۇنسىز مەجبۇرىي كاشىلا قىلدى ،نەق مەيداندا بىخەتەر يۈرۈش قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت كېمىسىگە سوقۇلدى ،يەنە بۇ دېڭىز تەۋەسىگە پاقا ئادەم قاتارلىق ئالاھىدە خادىملىرىنى ئەۋەتىپ بېلىق تورى لەيلىمە ماددا يۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزۈدىغان چوڭ تىپتىكى جىسىملارنى زور مىقداردا ئورۇنلاشتۇردى 
.

ھەمدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن گەپ سۆزلەرنى تارقاتتى .جۇڭگو ۋېيتنامدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنىچ مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەشغۇلاتىغا ھەرقانداق شەكىلدە دەخلى قىلىشنى دەرھال توختىتىپ نەق مەيداندىكى بارلىق كېمىلىرى ۋە خادىملىرىنى ئېلىپ كېتىپ ،دېڭىزنىڭ خاتىرجەملىكنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى . پاكىت ئويدۇرۇپ ۋە بۇرمىلاپ ئاتالمىش شىشا تاقىم ئاراللىرى تالاش تارتىشىنى پەيدا قىلىدىغان سۆز ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى .

 

6-ئاينىڭ 13-كۈنى نىيويوركتا ئېچىلغان 24-نۆۋەتلىك ب د ت دېڭىز ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى تۈزۈشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى :‹ۋېيتنام جۇڭگونىڭ 991-بۇرغىلاش سۇپىسىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا قانۇنسىز مەجبۇرىي كاشىلا پەيدا قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە چېقىلدى ،جۇڭگو ۋېيتنامنى جۇڭگونىڭ مەشغۇلاتىغا ھەرقانداق شەكىلدە دەخلى قىلىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ ،دېڭىز ئۈستى تىنچلىقىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نەسىھەت قىلدى ،شۇنداقلا فىلىپپىن جۇڭگونى مەجبۇرى كېسىم چىقىرىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولدى ›دېدى .

 

 

بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، ۋېيتنام ئېلىمىزنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى جوڭجيەن ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ نورمال دېڭىز ئۈستى مەشغۇلاتىغا داۋاملىق كاشىلا تۇغدۇردى، ۋېيتنامنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دېڭىز سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتى-ئامېرىكا، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گۇپپاڭچىلىقى ۋە مەدەت بېرىشىگە ئېرىشتى شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋېيتنام ئۆزىچە پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، تاراتقۇلارغا ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «شىشا تالاش-تارتىشى»نى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توغرىدەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان ئاتالمىش بىر قاتار تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساسلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مارجان خادا تاشلىرى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بايلىققا بولغان نەپسى زادى قانچىلىك يوغىنىدى؟

 

ۋېيتنام ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساستا يەنە قانداق ئىلگىرى-كېيىنلىك زىددىيەت ھەم قاراشلار بار؟ ئەمەلىيەتتە، ئالدى-كەينىدىكى زىددىيەت باھانىسىدا يەنىلا قاراش جەھەتتىن بەلگىلىك يوچۇق بار. بىز پەقەت ۋېيتنامنىڭ بىر-بىرىگە زىت قاراشلىرىنى توغرىلاپ باقساقلا كۇپايە. خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت ۋېيتنامنىڭ دېڭىزدىكى بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىۋالغان ئوبرازىنىلا كۆرمەكتە، لېكىن ۋېيتنامغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرگىمۇ بەلكىم ۋېيتنامنىڭ ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مارجان خادا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەرىپى ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن؛ ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بايلىقىغا بولغان قارا نىيىتى تولۇپ تاشقان، ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا 215 بۆلەك نېفىت-گاز رايونىنى ئايرىۋېلىش قىلمىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋېيتنام جەنۇبىي دېڭىزنى ۋېيتنام دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەدەپ ئۇرۇنماقتا.

 

شىشا تاقىم ئاراللىرى مىلادى 10-ئەسىردىلا جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرگەن. جۇڭگو نامرات، ئاجىز بولغان ھەم ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئۇچرىغان 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى فىرانسىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى بىر قىسىم مارجان خادا تاشلىرىنى قانۇنسىز بېسىۋېلىش قىلمىشى ھەققىدە قاتتىق سۆزلەشكەن ھەم ئېتىراز بىلدۈرگەن.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
17-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek