2015-يىللىق مىلان دۇنيا كۆرگەزمىسى 1-ماي باشلاندى. مىلان شەھەر مەركىزىدە دۇنيا كۆرگەزمىسىگە قارشى ئېتراز بىلدۈرۈش توقۇنۇشى يۈز بەردى، نامايىشىچىلار نەرسىلەرنى كۆيدۈردى، كوچا بويىدىكى ماگىزىنلارنىڭ دىرىزىلىرىنى چاقتى، ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈردى ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.
شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زوراۋانلىق توقۇنۇشقا قاتناشقان نامايىشچى500دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلار ئىتالىيەلىكلا بولماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرمۇ باركەن. شەھەر مەركىزىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر قورقۇپ، تەرەپ تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ھەمدە بەزىلىرى يارلانغان.
ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتىرىللا ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىش تېرىغۇچىلارنى قانۇن بويىچە تېزدىن جازالاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved