تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟

غايەت زور تىپتىكى پەن تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى،شەخىس قىممىتى مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان مىليادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،پۇلنى قانداق خەجلەش ھەرگىزمۇ بىر كىچىك مەسىلە بولۇپ ھېساپلانمايدۇ.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى نۇغۇن پۇل خەجلەپ ماشىنا،ئالىي تۇرالغۇ جاي،ئايروپىلان ھەتتاكى ئارال قاتارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى يەنە ئىنسانىيەتكە ياردەم قىلىپ دۇنياۋى مەسلىلەرنى ھەل قىلىش،ياكى ئادەمنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان غايىۋى دۇنياغا جىمجىت چۆكۈش قاتارلىق ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىدۇ.يېقىندا،ئامېرىكا پەن تېخنىكا بىلوگى Business Insider نىڭ ئەسەر يازغۇچىسى جولى بورت (Julie Bort) پەن تېخنىكا دۇنياسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە 15 نەپەر چوڭ باينىڭ پۇل خەجلەش ئۇسۇلىنى يېزىپ چىققان ماقالىسىنى ئېلان قىلغان،قىزىقسىڭىز،دىققىتىڭىز بۇ ماقالىدە بولسۇن.

 

لاررى.ئېللىسون (Larry Ellison)-قېرىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش دورىسى

چىغناق-تارغاق يېزىقى شىركىتىنىڭ قرغۇچىسى ھەم قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لاررى ئېللىسون ئامېرىكا لوڭقىسى يەلكەنلىك كېمە يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى،مابۇلدىكى < مىليادىرلارنىڭ ساھىلى> نى سېتىۋىلىش،ھاۋاي ئارىلىدىكى لانەي ئارىلىنى بىر تۇرمۇش تەجرىىبىخانىسىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق بىر قانچە < ئەرمەك تۈرى> نى قۇرغانلىقى بىلەن داڭىق چىقارغان.
لېكىن،لاررى ئېللىسوننىڭ ئەڭ چوڭ پايدا كۆزلىمىگەن تۈرى بولسا تىببىي دورا ساھەسىدە بولۇپ،ئۇ بىر مېدىتسىنا فوندى-ئېرىسسون تىببىي فوندى (Ellison Medical Foundation) نى قۇرغان.بۇ فوند جەمئىيىتى قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تەتقىق قلىپ ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئېرىسسون بۇ فوند جەمىئىيەت ئۈچۈن ئاللىقاچان بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىساد سەرپ قىلغان بولۇپ،ئۇ بۇ يىل ئاللىقاچان 68 ياشقا كىرگەن.

 

بېل گەيتىس (Bill Gates)-يۇقىرى پە تېخنىكىلىق ھاجەتخانا

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بېل گەيتىس،بېل ۋە مېلىندا گەيتىس فوندى جەمئىيىتى (Bill and Melinda Gates Foundation) ئارقىلىق سەھىيە،مائارىپ ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جەمئىيەت ئاممىۋى ساخاۋەت ئىشلىرى تەرەپلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان.
ئۆتكەن يىلى بېل ۋە مېلىندا گەيتىس فوندى جەمئىيىتى بىر قېتىملىق < ئىجادىي ھاجەتخانا> كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،گەيتىس بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ رىپىرى بولغان ھەم شەخسەن ئۆزى مۇكاپات تارقاتقان.گەيتىس بىر پارچە بىلوگىدا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،ئۇ ئۆزلۈكسىز ھالدا ئىنسانلانىڭ ئاجراتمىلىرىنى توپلاپ ھەم بىرتەرەپ قىلىپ،ئۇنى پايدىلىق بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاجەتخانىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

پائۇل ئاللېن (Paul Allen)-مېڭەشۇناسلىق تەتقىقاتى،تەنتەربىيە ئەترىتى ۋە يىغىپ-ساقلانغان بۇيۇملار

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يەنە بىر قۇرغۇچىسى پائۇل ئاللېنمۇ بىر قانچە تەنتەربىيە ئەترەتلىرىنى سېتىۋىلىش،بىر تولغىما مۇزىكا مۇزىيى قۇرۇش ۋە 2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن كونا ئايروپىلانلارنى يىغىپ ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئەرمەك تۈرىنى قۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئاللېن مېڭە ئىلمى ئاكادىمىيىسىنى (Allen Institute for Brain Science) قۇرغان.بۇ ئاكادىمىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئادەم مېڭىسىنىڭ خىزمەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئېنىقلاش ۋە قېرىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىق مېڭە كېسەللىكلىرىنى قانداق داۋالاش (ئۇنىڭ ئانىسى قېرىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى) قاتارلىقلار ئىدى.بۇ ئاكادىمىيىنىڭ يەنە بىر تەتقىقات نىشانى بولسا،ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى كۆچۈرۈش ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ماشىنا ئادەمنى كەشىپ قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

 

ۋىنود كوسلا (Vinod Khosla)-تەقلىدي كالا گۆشى ۋە ئېرىمچىك ياساپ چىقىش

يۇقىرى دەرىجىلىك خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچى ۋىنود كوسلا ئەگەر ناھايىتى ياخشى بولغان تېخنىكا بولسا ئىدى،ھامبۇرگ بولكىسى بازىرى بولسا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق چوڭ بازار بولاتتى دېگەن ئىدى.
ۋىنود كوسلا بىر مەخپى ئېچىش تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ،بۇ تۈر بولسا ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنغان ئاقسىل،ماي،تالالارنى قانداق قىلىپ شىرنىسى كۆپ،كالا گۆشى تەملىك گۆشلۈك قاتلىمىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.
ۋېسكو< بۇ خىل قاتلىمىنىڭ ئىچىدە گۆش يوق بولسىمۇ،لېكىن ئۇنى تېتىغاندا ھەقىقىي گۆشتىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ> دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە بىر خىل ئېرىمچىك ياساش تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ،ئېيتىلىشىچە،بۇ خىل ياسالغان ئېرىمچىك تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

 

بىز سىتون (Biz Stone)-گۆش ياساش ۋە ھايۋاناتلار ھوقۇقى

Twitter نىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى بىز سىتون بولسا ناھايىتى ئىرادىلىك گىراخامىست (گۆش يىمەيدىغانلار) دىن بولۇپ،شۇڭلاشقا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىز ۋە لىۋىيا سىتون فوند جەمئىيىتىنى (Biz and Livia Stone Foundation) قۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا،بىز يەنە Twitter نىڭ يەنە بىر ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى Ev Williams بىلەن بىللە بىر گۆش تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان شىركەت قۇرغان بولۇپ،بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى Beyond Meat ئىكەن،Beyond Meat شىركىتى بەلكىم 2013-يىلى ئشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن

 

پېتېر تىيىل (Peter Thiel) -ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى

خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچى پېتېر تىيىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ بۇرۇن Facebook قا مەبلەغ سېلىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇ تېيىل فوند جەمئىيىتىدىن ئىبارەت بىر فوندنى قۇرغان.بۇ فوند جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.
تېيىل ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى 150 ياش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق قىلىپ ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ < بەزى كىشىلەر ئۆلۈمنى بىر خىل تەبىئىي جەريان،ھاياتلىقنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى دەيدىكەن،لېكىن مېىڭچە بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە چالۋاقاش بولمايدۇ دەپ قارايمەن> دېگەن.
تېيىل فوندى يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغان.

 

سېرگېي بىرىن (Sergey Brin)-پاركىنسون كېسلىنى داۋالاش ئۇسۇلى

2008-يىلى،گوگۇلنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى سېرگىي بىرىن ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ پاركىنسون كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ،كېيىن،ئۇ ئايالى Anne Wojcicki قۇرغان گېن تەكشۈرۈش شىركىتى 23andMe ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ئۇققان،لېكىن 23andMe شىر كىتى يەنە بىرىنننىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان تىببىي ئۇسۇلنى بايقىغان.
ھازىر،گوگۇل شىركىتىنىڭ خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سېلىش بۆلۈمى Google Ventures ئاللىقاچان 23andMe شىركىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلانغان بولۇپ،23andMe شىركىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى بولسا گېنگە ئالاقىدار كېسەللەرنى داۋالاشنى تەتقىق قىلىش بولۇپ،ئۇ پاركىنسون كېسىلىنى داۋالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە.

 

داۋامى بار .



20-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەلى بابا گۇرۇھى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى «ئەلى بابا گۇرۇھى» بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇ...
26-05-2016
    Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.     Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
26-05-2016
   ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىكروسوفت كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان E3 يىغىنىدا ئاز دېگەندە 2 يېڭى ئۈسكۈنە ئېلان قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىرى، Xbox رەقەملىك مەزمۇنىنى نىشانلىغان ئاساسى مېدىيا تاياقچىسى بولۇپ، ئىقتىدارى C...
26-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يىقىندا گۇاڭدۇڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 1يۈەنلىك 500 مىگابايتلىق 4G كۈنلۈك كارتىسىنى يولغا قويغان. ئىگەللىنىشىچە بۇ كارتىنىڭ ئايلىقى پەقەتلا 6 يۈەنلىك نومۇر كۆرسىتىش كەسپىنى ئۆز...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەممىباب كارتا شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەممىباب كارتا شىركىتى كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف قاتارلىق 3 چوڭ تېلېگراف شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بوشلۇقت...
26-05-2016
    ئالى بابا ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتىگە يىللىق دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ، ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئالى بابانىڭ ھېسابات ھۆججىتى بىلەن ئۇ...
26-05-2016
    IT ئائىلىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپى، قاتتىق دېتال ياساش بۆلۈمىنى رەتلەپ 1850 خادىمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە فىنلاندىيەدىن 1350 خادىم قىسقارتىدىكەن، يەر ...
26-05-2016
شىنخۇا تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاسىيادىكى 10 چوڭ دۆلەتتىكى 20-29 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلارنىڭ ئىستىمال يۈز...
26-05-2016
    بۈگۈن كەچقۇرۇن، شىياۋمى توردا بىۋاستە تارقىتىش ئۇسۇلىدا ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان. لېي جۈن بۇ مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خۇددى بايلارغا خا...
26-05-2016
     يېڭىچە كېۋەز تېرىش ماشىنىسى ئامېرىكىدا ئاللىقاچان ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، بۇ تىپتىكى يېڭىچە كېۋەز تېرىش ماشىنىسىنىڭ بىرى 1000 ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. بىراق ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۆ...
Powered by Leglek